• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تېلېفونغا مۇنداق قاراۋەرسىڭىز ئۇيقۇسىزلىق، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سىزنى تاپىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:10 22-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھازىرقى دەۋردە مەيلى يوللاردا بولسۇن ۋەياكى ئاممىۋى ئابتوبۇسلاردا بولسۇن ھەممىلا ئادەم دېگۈدەك يانفوندىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدا بىردىن تېلېفون، كۆپىنچە كىشىلەر سىرتتىلا ئەمەس، بەلكى ئۆيگە قايتقاندىمۇ يېتىپ تۇرۇپ تېلېفونغا قارايدۇ. بۇ قىلمىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن ئېغىر.

    يېتىپ تۇرۇپ تېلېفونغا قاراشنىڭ زىيانلىرى زادى قايسىلار؟

    1. كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئادەتتە يېتىپ تېلېفونغا قارىغاندا بىر خىل ھالەتتىلا يېتىپ مىدىرلىماي قاراۋېرىدىغان گەپ. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى كۆزنىڭ ئىنتايىن چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز، شۇنداقلا ئۇزۇن مەزگىل بۇنداق بولۇۋەرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتىمىز ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئەگەر يېتىپ تېلېفونغا قاراش بىلەنلا چەكلەنمەي، يەنە تېخى چىراق ئۆچۈرۈكلۈك بولسا ئۇ ھالدا يانفوندىن چىققان رادىئاتسىيە كۆزگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    2. ئۇيقۇ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

    كۆپچىلىك ھازىر خۇددى باشقا ئىشى يوقتەكلا تېلېفونغا خۇمار. ھەممە كىشىنىڭ قولىدىن تېلېفون چۈشمەيدۇ، ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن تېلېفون ئويناش ھەممە كىشىنىڭ ئادىتى. بەزىلەرنىڭ تېخى تېلېفون ئوينىغانسىرى جانلىنىپ كېتىدىغان مىجەزى بار، ئەسلىدە 10 مىنۇتلا قارىماقچى بولغانلارمۇ قىززىقچىلىقتا سائەتلەپ قاراپ كېتىدۇ. ھەمدە بەزى ۋاقىتتا ئەسلىدىنلا چارچاپ ئاران قالغىنىڭىز ئېنىق بولسىمۇ، تېلېفون قولىڭىزغا چىقىشى بىلەنلا جانلىنىپ كېتىسىز تېخى. بەزى كىشىلەرنىڭ تېلېفوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ تۈنەشلىرىمۇ ئىنتايىن نورمال بىر ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر سىز ئۇيقۇم ياخشى بولسۇن دېسىڭىز چوقۇم كەچتە تېلېفونغا قارايدىغان يامان ئادىتىڭىزنى تاشلاڭ.

    3. پېسخىكىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    كەچتە ئارتۇق يىغىلىشلىرى يوق كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق پائالىيىتى يېتىپ تېلېفون ئويناش. بۇنداق بولغاندا كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىمۇ بارغانسىرى ئازىيىدۇ، بارغانسىرى ئىچ مىجەز بولۇپ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر ئۆزلىرىدە ئىجتىمائىي ئالاقىدىن قېچىش كېسىلى بار دەۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە يانفونمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى.

    ئۇنداقتا تېلېفون ئويناشتىكى توغرا ھالەت زادى قانداق بولىدۇ؟

    ئوڭدا يېتىش: ئەڭ ياخشى بولغان تېلېفون ئويناش ئۇسۇلى ئوڭدا يېتىپ ئويناشتۇر. ئەمما تېلېفوننى كۆزگە ئۇدۇل تۇتۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ، بولمىسا ئۇزاق مۇددەت بۇنداق تۇتۇپ تۇرۇشقا قولمۇ چىدىمايدۇ، يەنە تېخى تېلېفون يۈزگە چۈشۈپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى تېلېفوننى 45 گرادۇس يانتۇ ھالەتتە پەسكە قارىتىپ تۇتۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا بويۇنغىمۇ بېسىم چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئەڭ ياخشى ھالەتنى ساقلىغان بولىدۇ. ھەرگىزمۇ تېلېفوننى يۇقىرىغا قارىتىۋالماسلىق كېرەك، قولىڭىز تېلىپ كەتكەن ۋاقىلاردا بېلىكىڭىز ئاستىغا يوتقاننى تۈرۈپ قىستۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

    تېلېفون ئوينىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    كەچتە يېتىپ تېلېفون ئوينىغاندا ئامال بار تېلېفوننى كېچىلىك ھالەتكە تەڭشەپ قويۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا كۆزگە بولغان تەسىرى ئازراق بولىدۇ.

    ھەرگىزمۇ ئۇزاق ۋاقىت ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك، بۇنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسىغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر. ئۇزاق ۋاقىت ئېڭىشىپ ئولتۇرۇپ تېلېفون ئوينىغاندا بويۇن ئومۇرتقىسى مايماق بولۇپ قالىدۇ، ھەتتا نېرىپلار بېسىلىپ قالىدۇ. بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى تۈپكى سەۋەب كىشىلەرنىڭ مانا مۇشۇنداق نامۇۋاپىق تۇرمۇش ئادىتىدىن بولىدۇ. بۇنداق بولۇۋەرگەندە يەنە بويۇن ئالدىغا سوزۇلۇپ كېتىش كېلىپ چىقىپ ئادەمنىڭ تاشقى قىياپىتىگىمۇ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ھەرگىزمۇ يانچە يېتىپ تېلېفون ئوينىماسلىق كېرەك، چۈنكى يانچە يېتىپ تېلېفون ئويناشنىڭ كۆزگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئىنتايىن چوڭ. بۇنداق ئەھۋال داۋام قىلىۋەرگەندە ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە تېخى بېسىپ ياتقان تەرەپتىكى كۆزنىڭ قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش، شەيئىلەر قايتىلىنىپ ھەسسىلىنىپ كۆرۈنۈشتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.

    ھەرگىزمۇ تېلېفوننى بىر تۇتقانچە مىدىرلىماي ئويناپ كەتمەسلىك كېرەك، ھەر يېرىم سائەتتە بىر بارماقلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇش كېرەك، بۇنداق بولغاندا پەي غېلىپى ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى