• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئەنگلىيەدە تۇماندا قالغان يولۇچىلار پاراخوتى سەيلە كېمىلىرىنى سوقۇۋەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 21:07 22-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    21-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئەنگلىيەدىكى بىر پورتتا 56 ئادەم چىققان يولۇچىلار پاراخوتى ئىككى سەيلە كېمىسىگە سوقۇلۇپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سەيلە كېمىسى چۆكۈپ كەتكەن، بۇ يولۇچىلار پاراخوتى پورتتا تۇرۇپ قالغان. كۆرگۈچى بىراۋنىڭ: «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ ۋارقىرىغىنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتقان، ھازىر دېڭىز قىرغىقى ساقچىلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچىلىرى دېڭىزدا ھايات قالغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە.

    ۋەقە يۈز بەرگەندە دېڭىزدا قويۇق تۇمان بار بولۇپ، بۇ يولۇچىلار پاراخوتى شەرقىي كوۋېستىن قوزغىلىپ جەنۇبىي ئەمپتون شەھىرىگە بېرىشقا تەييارلانغان. لېكىن يولۇچىلار پاراخوتى قوزغىلىپلا ئىككى سەيلە كېمىسىنى سوقۇۋەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كېمە ئۆرۈۋېتىلگەن بولۇپ، پورت ئەتراپىدا: «قۇتقۇزۇڭلار» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلانغان.

    يولۇچىلار پاراخوتى دەرھال پورت ئەتراپىدا توختاپ قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ ئۇ يەردە سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەر بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشىگە ئاسانلىق ياراتقان. بۇ يولۇچىلار پاراخوتىدا 56 ئادەم بار ئىكەن، سەيلە كېمىسىنى بىرەرسىنىڭ ھەيدەۋاتقان-ھەيدىمىگەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.

    قىرغاقتىكى بىر مۇخبىر بۇ يولۇچىلار پاراخوتىنىڭ قىرغاققا ناھايىتى يېقىن بولۇپ، يانفونى پاراخوتتىكى wifi سىگنالىنى سەزگەنلىكىنى ئېيتقان.

    دېڭىز بويىدا تۇرىدىغان 55 ياشلىق جانىس بۇ ئىشنى كۆرگەن. ئۇ: «بۈگۈن ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن سەل ئاشقاندا يولۇچىلار پاراخوتى تۇماندا توختىدى. قوشنام بىرسىنىڭ: «قۇتقۇزۇڭلار» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. دېڭىز قىرغىقى ساقچىلىرى ئۇ يەردىلا، ئۇلار رىزىنكە قىيىقلارنى سۇغا سېلىپ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلەرنى ئىزدەۋاتىدۇ، سۇدا نۇرغۇن سەيلە كېمىسى بار» دېدى.


    دېڭىز قىرغىقى ساقچىلىرىنىڭ بىر ئىزدەش تىك ئۇچار ئايروپىلانى بۇ رايوننى ئىزدەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، لېكىن تۇماندا كۆرۈش ئارىلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن تىك ئۇچار ئايروپىلان قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، ھازىرچە كۆپرەك ئۇچۇر يوق.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى