• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تەھلىلچى : iPhone XR كېلەر يىلى ئەڭ بازارلىق iPhoneغا ئايلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:51 22-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    Loup Ventures شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى گېنې مۇستېرنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone XR زاكاز قوبۇل قىلغان تۇنجى كۈنى بۇ يانفوننى تالىشىپ سېتىۋالغانلار iPhone XS بازارغا سېلىنغان ۋاقىتتىكىدىن ئاز بولغان، لېكىن iPhone XR يەنىلا ئەڭ ئالقىشلىق iPhone ئىكەن.

    گېنې مۇستېر بىر پارچە تەتقىقات دوكلاتىغا مۇنداق يازغان: «بىز ھەيرانلىق ئىچىدە شۇنى بايقىدۇقكى، T-Mobileنىڭ قىسمەن يانفون تىپىدىن سىرت، iPhone XRنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن. بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە، iPhone XS بىلەن iPhone XS Maxنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى تېزلا ئۈچ-تۆت ھەپتىگە ئوزارتىلغان.»

    ئەمما، بۇ تەھلىلچىنىڭ ئېنىق بىلدۈرىشىچە، مال بىلەن تەمىنلەش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئېھتىياجىدىن بەلگىلىك خەتەر مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن، چۈنكى ئالمىنىڭ قانچىلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ھەم تىپ نومۇرىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغىلىمۇ بولمايدىكەن. گەرچە مۇشۇنداق بولسىمۇ، گېنې مۇستېر يەنىلا iPhone XR كېلەر يىلى ئەڭ بازارلىق iPhoneغا ئايلىنىپ، ئالمىنىڭ 2019-يىلىدىكى مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ %38ىنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدىكەن.

    قىسمەن ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن، iPhone XR يەنىلا iPhone XSقا قارىغاندا ئويلىشىشقا ئەرزىيدىغان يانفون ھېسابلىنىدۇ، 749 ئامېرىكا دوللىرى سېتىلىش باھاسى iPhone XSدىن 250 ئامېرىكا دوللىرى ئەرزان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ iPhone XSقا ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە،مەسىلەن Face ID، پۈتۈن ئېكران ۋە A12 بىر تەرەپ قىلغۇچى.

    گېنې مۇستېر 26-ئۆكتەبىر iPhone XR رەسمىي سېتىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپ تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇمات توپلاشنى ئويلاشقان، ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر iPhone XRنى Apple Storeنىڭ ئالدىدا ئۆچرەت تۇرۇپ سېتىۋالىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئەگەر ئۆچرەت تۇرغانلارنىڭ سانى سېنتەبىردە كۆزەتكەن ئۆچرەت تۇرۇپ iPhone XS ۋە iPhone XS Max سېتىۋالغانلارنىڭ سانىدىن ئاز بولسا، بۇ قىياسىمنى قايتىدىن باھالايمەن.»

    « قانداقلا بولمىسۇن، بىزنىڭ ئويىمىزنى ئۆزگەرمەيدۇ، iPhoneنىڭ 2019-يىلىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئېشىپ، ۋال كوچىسىنىڭ مۆلچەرىدىن %1 يۇقىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنىلا iPhoneنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش مىقدارى ئازراق ئۆرلەپ 791 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ۋال كوچىسىنىڭ مۆلچەرىدىكى 770 ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايمىز.»

    گۇگېنخېيم ئاكسىيە شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى روبېرت سىخرانىڭ مۆلچەرلىشىچە، iPhone XRنىڭ بىر قەدەر تۆۋەن سېتىلىش باھاسى iPhoneنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن گېنې مۇستېرنىڭ قارىشىچە، ئالما تېخىمۇ قالتىس مال چىقىرىش مىقدارى بىلەن بۇ پەرقنى تۇلۇقلاشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى