• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بوشلۇقتا ئۇچۇش ئويۇنى قويۇۋاتقان رۇسىيەلىك ئارتىس دىققەتسىزلىكتىن يىقىلىپ چۈشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:33 22-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    سېرىك ئويۇنى، سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئويۇنى ھەممىسى خەتەرلىك، ھاياجانلىقلىقى بىلەن داڭلىق. بىز ھەر قېتىم بۇ سېرىك ئويۇنلىرىنىڭ خەتەرلىكلىكىدىن قورقۇپ كېتىپ، ئارتىسنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارتىسنىڭ خەتەرلىك ھەرىكەتنى تاماملىغانلىقىدىن ھەيران قالىمىز. بۇنداق ھەيران قالارلىق «خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش» بىزنى گۈزەللىكتىن بەھرىلەندۈرىدۇ. لېكىن بەزىدە سېرىك ئويۇنى راستلا خەتەرلىك. كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ بىر سېرىك ئۆمىكىدە ساھىبجامال ئارتىس ئاممىنىڭ ئالدىدا بوشلۇقتا ئۇچۇش ئويۇنى قويۇۋاتقاندا خاتالىق كۆرۈلۈپ بۇ خەتەرلىك ۋە قورقۇنچلۇق كۆرۈنۈش يۈز بەرگەن.

    ئەينى چاغدا 19 ياشلىق ساھىبجامال ئارتىس يانا رۇسىيەنىڭ نوۋوكۇزنېتسىكيدا بىر توپ كىچىك دوستلارغا نومۇر ئورۇنلاپ بېرىۋاتقانىكەن. لېكىن ئۇنىڭ ئىككى لىنتىنى تۇتۇۋېلىپ بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرۈشى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان. سەھنىدە بىر مىنۇت تۇرۇش ئۈچۈن سەھنە ئاستىدا ئون يىل تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتماي بولمايدۇ. بۇ سەرخىل نومۇرلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە جاپالىق مەشىق قىلىشتىن كەلگەن.

    لېكىن تۇيۇقسىز تەسىرلىك مۇزىكا ئاۋازى ئىچىدىن بالىلارنىڭ چىرقىرىغان، قورققان ئاۋازلىرى ئاڭلانغان. ئەسلىدە ئۇ خاتالاشقانىكەن. ئۇ ئەسلىدىنلا ناھايىتى سىلىق لىنتىنى چىڭ تۇتمىغان، شۇنىڭ بىلەن تەخمىنەن 4.57 مېتىر ئېگىزدىن پولغا چۈشۈپ كەتكەن. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،ئەينى چاغدا ھېچقانداق بىخەتەرلىك تورى ياكى ئارغامچا قاتارلىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمىغان بولۇپ، ئۇ شۇنداقلا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

    قاتتىق يەرگە يىقىلغان يانا مىدىر-سىدىر قىلمىغان. ئاندىن خىزمەتچىلەر دەرھال چىقىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغان. ھېلىمۇ ياخشى، يانا ناھايىتى تېزلا ھوشىغا كەلگەن. دوختۇر تەكشۈرۈپ بىلىكى سۇنغانلىقىنى ئېيتقان. بىر كۆرۈرمەن: «ئەسلىدە ئويۇن كۆرەتتۇق، نەتىجىدە قورقۇنچلۇق ئىشنى كۆردۇق. ئۇ قىز پوككىدە يەرگە چۈشتى، بەك قورقۇنچلۇق بولدى. ئەينى چاغدا نۇرغۇن بالا ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن. ۋەقەدىن كېيىن نۇرغۇن ئادەم كەتتى» دېدى.

    لېكىن يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان بۇ ئارتىس رۇسىيە مەملىكەتلىك سېرىك بايرىمىغا قاتنىشىشنى ئېيتقان، لېكىن سېرىك ئۆمىكىنىڭ ئەمەلدارى پاۋېل يانانىڭ «ئۇزاق ۋاقىت دەم ئېلىشى ۋە سالامەتلىكىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى» لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى