• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تايلاندتا 11 نەپەر چەتئەللىك ئىشلەمچى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:27 22-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    21-ئۆكتەبىر سەھەردە تايلاندنىڭ كامفېجفات ئۆلكىسىدىكى مەلۇم يول بۆلىكىدە بېرمىلىق ئىشچىلار ئولتۇرغان مىنىبۇس يول بويىدىكى دەرەخكە سوقۇلغان، ئارقىدىنلا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە مىنىبۇسقا ئوت كېتىپ كۆيۈپ كەتكەن. نەتىجىدە توققۇز ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، قالغان ئىككى ئادەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىش سەپىرىدە ئارقا-ئارقىدىن قازا قىلغان.

    ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، شۇ چاغدا 14 نەپەر بېرمىلىق ئىشلەمچى مىنىبۇسقا ئولتۇرۇپ، تاك ئۆلكىسىدىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىپ ۋىزا بېجىرىشكە ماڭغان. سەپەر جەرياندا تۇيۇقسىز بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن. ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى مىنىبۇس شوپۇرىنىڭ چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ گۇمان قىلىنغان.

    شۇ جايدىكى ساقچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان تۈز يول بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ھارغىنلىق پەيدا قىلىپ، ھەيدىگۈچى شوپۇرنىڭ مۈگدەپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا بۇ يەردە دائىم قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى