• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كەچتە نېمە يېسە ئاسانلىقچە سەمىرىپ كەتمەيدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:58 20-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1.كەچتە سائەت سەككىزدىن كېيىن مېۋە-چېۋە يەڭ

    بانان ئەمەلىيەتتە پوستىغا ئورۇنىۋالغان «ئۇيقۇ دورىسى» بولۇپ، سېروتونىن ۋە مېلاتونىننى تۇراقلاشتۇرۇشتىن سىرت، تەركىبىدە يەنە مۇسكۇل بوشىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە ماگنىي ئىلمېنىت بار. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يېيىش كىشىنى سەمرىتمەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ كالورىيەسى تۆۋەن، يېمەكلىك تالاسى مول بولۇپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

    2.تۆۋەن ياغلىق ياكى يېغى سۈزۈۋېلىنغان قېتىق ۋە كالا سۈتى ئىچىڭ

    ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ئىلمان سۈت ئىچىشنىڭ ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ھەممەيلەنگە ئايان. چۈنكى كالا سۈتى تەركىبىدە بىر خىل ترىپتوفان بولۇپ، ئۇ ئامىنو كىسلاتاسىدەك تىنىچلاندۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالا سۈتى ئىچىشنىڭ كىشىنى سەمرىتمەيدىغانلىقىغا، بەدەندىكى كالتسىينى تولۇقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ.

    3.پۇرچاق سۈتى ئىچىش بەدەننىڭ كېچىدىكى كالىتسىيغا بولغان ئېھتىياجىنى تولۇقلىيالايدۇ

    پۇرچاق سۈتىدە ئاقسىل تەركىبى مول بولۇپ، بىر كۈن ھېرىپ-چارچىغان بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى ئىككى سائەت ئارىلىقىدا پۇرچاق سۈتى ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى بەدەن پۈتۈنلەي سۈمۈرەلمەي، بەدەندە توپلىنىشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، كەچتە پۇرچاق سۈتىنى بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىچمەسلىك كېرەك. كالتسىي تولۇقلايدۇ دېسە بولۇشىغا ئىچمەسلىك كېرەك، چۈنكى كالتسىي ئاستا-ئاستا تولۇقلىنىدۇ، پەقەت كۈندە ئىچىشنى داۋاملاشتۇرۇش كۇپايە. كەچلىكى پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە ئەڭ ياخشىسى شېكەر قوشماسلىق كېرەك، چۈنكى شېكەر ئوزۇقلۇق تەركىبلەرنى ئاسانلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

    4.شاپتۇل، نەشپۈت، تەرخەمەك، پەمىدۇر تۈرىدىكى مۆتىدىل ۋە تۆۋەن قەنتلىك كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى يەڭ

    قورسىقىڭىز بەكلا ئېچىپ كەتسە، ئانچە-مۇنچە كۆكتات-مېۋىلەرنى يېيىشنىڭ زىيىنى يوق. بىراق شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى چوقۇم تۆۋەن قەنتلىكلىرىنى تاللاپ يەڭ. بولمىسا قەنت تەركىبى ئۇخلىغاندا پۈتۈنلەي خوراشقا ئامالسىز قېلىپ، بەدەندە ياغقا ئايلىنىشى مۇمكىن.

    5.ئاق مور، نىلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىقلاردا قەنت ۋە ياغ تەركىبى بولمايدۇ. شۇڭا كەچتە يەپ يېيىشنىڭ زىيىنى يوق.

    6.ھەسەل

    ئىچىۋاتقان سۈت ياكى چېيىڭىزغا ئاز مىقداردىكى ھەسەل ئارىلاشتۇرسىڭىز، بەزى گلوكوزىلار چوڭ مېڭىنىڭ يېمەكلىك يېيىش جەھەتتىكى ئويىنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ ھەمدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن كىشىگە ئازادە تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ.

    7.ياڭيۇنىڭ ئورۇقلىتىش رېتسىپى ئىكەنلىكى كۆپچىلىككە ئايان. ئۇ ئۇيقۇنى قوزغىتىدىغان ترىپتوفانغا تەسىر قىلىدىغان كىسلاتانى يوقىتىدۇ. بۇ خىل ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن سىز پەقەت ياڭيو ياكى تاتلىق ياڭيۇنى قاقلاپ پىشۇرۇپ ئەزگەندىن كېيىن ئىلمان سۈتكە ئارىلاشتۇرۇپ يېسىڭىز كۇپايە. قاقلاپ پىشۇرۇلغان كىچىككىنە ياڭيۇ ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىڭىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتالمايدۇ.

    8.سۇلۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇنقى يۇقىرى قىممەتكە ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. كىچىك چىنىدىكى سۇدا ئاشلىق تۈرىدىكىلەرنى پىشۇرۇپ، ئازراق ھەسەل قوشۇپ يېگەندە ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. سۇلۇ يارمىسى قارا پېگمىنىتلارنى يوقىتىش، ئۇيقۇ ئۈنۈمىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.

    9.ئۆرۈك مېغىزىدا ترىپتوفان ۋە مۇسكۇل بوشىتىدىغان ماددا- ماگنىي مول بولىدۇ. شۇڭا ئاز مىقداردا يېيىش يۈرەككە مەنپەئەت قىلىدۇ ھەمدە ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش: يۇقىرىقىلارنى يەپ بولغاندىن كېيىن چوقۇم چىش چوتكىلاشنى ئۇنتۇماڭ. چۈنكى چىش پاستىسىنىڭ پۇرىقىمۇ ئىشتىھايىڭىزنى تىزگىنلىيەلەيدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى