• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئامېرىكىلىق ئەر-ئايال 10 ياشلىق قىزىنى يەر ئاستى ئۆيگە بىر يىل سولاپ قويدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:21 20-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاتا-ئانا پەرزەنتنىڭ ئەڭ بىخەتەر ماكانى دەيمىز، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتى شەخسىيەتسىز بولىدۇ. ئەمما ئامېرىكىدىكى بىر ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا بولغان «مۇھەببىتى» باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇلار 10 ياشلىق قىزىنى يەر ئاستى ئۆيگە بىر يىل سولاپ قويغان، يەر ئاستى ئۆي ئىچىنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ناچار، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا بالىلارنىڭ ئۇنى يوقلىشىغا رۇخسەت قىلمىغان. ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن بۇندا قىلىدىغانلىقى سورالغان ۋاقىتتا ئۇلار بۇ قىزىغا بولغان «مۇھەببىتى» ئىكەنلىكىنى، ئالۋاستىنىڭ قىزىنى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ئېيتقان، بۇنداق غەلىتە باھانىگە سىز ئىشىنەمسىز؟

    ئامېرىكا ئىلىنويىز ئىشتاتىنىڭ ۋاكېگاندا تۇرىدىغان 48 ياشلىق ئەر راندى سۋوپېس ۋە ئۇنىڭ ئايالى بالىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ھەمدە سوتقا ئەرز قىلىنغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ ئەر-ئايال 10 ياشلىق قىزىىنى يەر ئاستى ئۆيگە بىر يىل سولاپ قويغان، سەۋەبى ئۇلار بالىنى ئالۋاستىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن قورقىدىكەن.

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، راندىنىڭ ئايالى كاتېرىنى بۇ يىل 49 ياشتا بولۇپ، ساقچىلار ئۇلارنىڭ 10 ياشلىق قىزىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان. ئىگىلىنىشچە، بۇ قىزچاق يەر ئاستى ئۆيگە بىر يىل سولاپ قويۇلغان، ئىچىدە پەقەت بىر تەرەت قاچىسى ۋە بىر سۇ چېلىكى بار بولۇپ تەرەت قىلىش ۋە يۈز يۇيۇشقا ئىشلىتىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىسى بۇ قىزنىڭ ئاكا-ئىنى ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگىمۇ رۇخسەت قىلمىغان.

    بۇ قىزچاق بايقالغان ۋاقىتتا ئورۇقلاپ ئىسكىلاتقا ئايلىنىپ قالاي دېگەن ھەمدە ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بولغاچقا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىلغان، راندى ئەر-ئايالمۇ قولغا ئېلىنغان ھەمدە بالىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە قانۇنسىز قاماپ قويۇش جىنايىتى بىلەن ئەرز قىلىنغان. 10-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى سوت ھۆكۈمىدە راندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قىزى ئۇنىڭغا باشقىلار بۇ قىزغا دورا بەرگەنلىكىنى، بىر قىسىم «ئۇنىڭ قېنىنى ئىچىدىغان» ئادەم ئۆيگە مەجبۇرىيى كىرىپ ئۇنىڭغا ئۇ خالىمايدىغان ئىشنى قىلدۇرغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن راندى قىزىنى ئالۋاستىنىڭ ئېلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ئۇنى يەر ئاستى ئۆيگە سولاپ قويغانىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى