• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    iPhone XR يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى iPhone 8 يۈرۈشلۈكىدىن %50 يۇقىرى بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 22:01 20-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گۇتىنھاگىن ئاكسىيە شىركىتىنىڭ ئانالىزچىسى روبېرت سىھرا (Robert Cihra)نىڭ مۆلچەرىچە، iPhone XR يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى iPhone 8 ۋە iPhone 8 Plus يانفونلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، گەرچە بۇ يانفوننىڭ تۆۋەن بولغان سېتىلىش باھاسى iPhoneنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرىچە باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن iPhone XR يانفونىنىڭ بازارغا سېلىنىشى بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە 4-پەسىللىك تىجارەت كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.

    روبېرتنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلىدىكى «ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىغا ئاساسەن كىرىمنىڭ ئېشىشىنى بەلگىلەش» بۈگۈنكى ئالما شىركىتىگە ماس كەلمەيدىكەن. iPhone XR يانفونىنىڭ بىر قەدەر ئەرزان ھېسابلىنىدىغان باھاسى iPhoneنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى قىسمەن سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەل ئالمىنىڭ بۇ LCD ئېكران ئىشلىتىلگەن يانفونىغا بولغان ئەلالاشتۇرۇشى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان iPhone 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىدىن %50 يۇقىرى بولىدىكەن.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا روبېرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، iPhone XR يانفونى ئىلگىرى iPhone 7 ياكى iPhone 6 يانفونىنى ئىشلەتكەن ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلىنالايدىكەن. بۇ تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرىچە، iPhone XR يانفونى 12-ئاي ئىچىدە ئالمىنىڭ پەسىللىك سېتىلغان مەھسۇلاتىنىڭ %40نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، كېلەر يىلى 3-ئاي مەزگىلىگىچە ئومۇمىي سېتىلغان مەھسۇلاتىنىڭ %50نى ئىگىلەيدىكەن. iPhone XS Max يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى يەنىلا ئۈچتە بىر نىسبەت بويىچە ئېشىش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، داۋاملىق ھالدا iPhone XS يانفونىدىن يۇقىرى تۇرىدىكەن.

    ئالما 11-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى پەسىللىك مالىيە دوكلاتىنى ئاشكارىلايدىغان بولۇپ، مۆلچەرچە iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى 47 مىليون دانىگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1 ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن 12-ئاي ئىچىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى مۆلچەر بويىچە 80 مىليون دانىگە يېتىدىغان بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.

    بۇلاردىن باشقا، روبېرت ئالمىنىڭ 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزىدىغان مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ قېتىملىق يىغىندا iPad ۋە Mac كومپيۇتېرلىرىنىڭ يېڭىلانغان نەشرى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 9-ئايدىكى شۇ پەسىللىك iPad نىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆتكەن يىلدىكى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %1 ئاشقان بولۇپ، لېكىن Mac كومپيۇتېرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11 تۆۋەنلەپ كەتكەن.\=[[[[

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى