• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شياۋمىنىڭ تۆت خىل يېڭى تېلېۋىزورى بازارغا سېلىندى: 1599 يۈەندىن باشلىنىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:45 14-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شياۋمى بۈگۈن ئورگان تورىغا تۆت خىل يېڭى تېلېۋىزور چىقاردى، بۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا 40 دىيۇملۇق شياۋمى 4C تېلېۋىزورى، 43 دىيۇملۇق شياۋمى 4X تېلېۋىزورى، 65 دىيۇملۇق شياۋمى 4S تېلېۋىزورى ۋە 65 دىيۇملۇق شياۋمى 4S PRO تېلېۋىزورىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، باھاسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1599 يۈەن، 1599 يۈەن، 4299 يۈەن ۋە 4499 يۈەن.

    بۇنىڭ ئىچىدە 40 دىيۇملۇق شياۋمى 4C تېلېۋىزورى بىلەن 43 دىيۇملۇق شياۋمى 4X تېلېۋىزورىغا بىردەك 1080P ئېكران ئىشلىتىلگەن، 65 دىيۇملۇق شياۋمى 4S تېلېۋىزورى ۋە 65 دىيۇملۇق شياۋمى 4S PRO تېلېۋىزورىغا 4K ئېكران ئىشلىتىلگەن، PatchWall سۈنئىي ئىدراكلىق ئاۋازلىق ياردەمچى سىستېمىسى قاچىلانغان.

    بۇ تۆت خىل تېلېۋىزور 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دا رەسمىي سېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 40 دىيۇملۇق شياۋمى 4C تېلېۋىزورىنىڭ باھاسى 1299 يۈەن، 43 دىيۇملۇق شياۋمى 4X تېلېۋىزورىنىڭ باھاسى 1499 يۈەن ئىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى