• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭى نۇسخىدىكى iPad Proنىڭ لايىھە ۋە سەپلىمە ئۇچۇرى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:43 14-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    نۇرغۇن ئابۇنتلار ئالما شىركىتىنىڭ ئېلان قىلىنىش ئالدىدىكى iPad Pro تاختا كومپيۇتېرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا بۇ يىل يېڭى مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى قىياپىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ.

    ھازىر چەتئەل تاراتقۇلىرى iPad Pro ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىدى. ئالدى بىلەن بۇ تاختا كومپيۇتېرنىڭ 10.5 ۋە 12.9 دىيۇملۇق ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ ئېكران ئېنىقلىقى ھازىرقى سەۋىيەنى ساقلايدىكەن.

    بۇندىن باشقا، يېڭى iPad Proنىڭ قېلىنلىقىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىكەن. 10.5 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ قېلىنلىقى 5.86mmغا ئۆزگىرەيدىكەن، ئەمما گەۋدىسى بەكلا نېپىز بولغانلىقتىن، 3.5mm تىڭشىغۇچ چېتىش ئېغىزى بىكار قىلىنىدىكەن، بۇندىن سىرت ئومۇمىي ھەجىمىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدىكەن.

    كونكرېت ئېيتقاندا، 10.5 دىيۇملۇق iPad Proنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىكى 247.64mm×178.52mm كېلىدىكەن، 12.9 دىيۇملۇق نۇسخىسىنىڭ بولسا 280.66mm×215mm كېلىدىكەن، بۇ ھازىرقى iPad Proدىن سەل كىچىك.

    ئىلگىرى چەتئەل تاراتقۇلىرى ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى ئەۋلاد iPad Proغا A12X بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەيدىغانلىقى، شۇنداقلا پۈتۈنلەي يېڭى GPU ئۆزىكى توپلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، مەخپىي نامى Vortex دەپ ئاتىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان. ماڭلايسىز پۈتۈن ئېكران، 3D ئادەم چىرايىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلغاندىن سىرت، يەنە Wi-Fi نۇسخىسى بىلەن كۆچمە تور نۇسخىسىغا ئايرىلىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى