• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاشقازىنىڭىز ياخشى بولمىسا بۇ ئۈچ خىل ئىچىملىكنى ئىچمەڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:36 14-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئاشقازىنىڭىز ياخشى بولمىسا ھەر قانچە ئۇسساپ كەتسىمۇ مۇنداق ئۈچ خىل ئىچىملىكنى ئىچمەڭ، ئاشقازان كېسىلىم ئۆزلىكىدىن ساقايسۇن دېسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى كۆپرەك قىلىڭ

    ھازىرقى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رېتىمى بارغانسىرى تېزلىشىپ كەتتى، نۇرغۇن ياشلار بالدۇرلا ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، ئاشقازاننى تېخىمۇ ئوبدان ئاسراش ئۈچۈن ئىشتىھانى كونترول قىلىشتىن باشقا يەنە كۈندىلىك ئىچىملىككىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك. ئاشقازىنى ئاغرىيدىغانلار چوقۇم قانداق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، قايسى ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا ئاشقازانغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى كېرەك. تۆۋەندە سىلەرگە ئاشقازان ياخشى بولمىسا ئىچمەسلىككە تېگىشلىك ئۈچ خىل ئىچىملىك ۋە كۆپرەك قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ ئىشنى چۈشەندۈرىمىز.

    ئاشقازىنى ياخشى بولمىغانلار ئىچمەسلىككە تېگىشلىك ئۈچ خىل ئىچىملىك

    يېشىل چاي

    ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلەر ئادەتتە يېشىل چاينى ئازراق ئىچىشى كېرەك، بەزى ئاشقازان بىمارلىرى يېشىل چاي ئىچسە تېخىمۇ بولمايدۇ. يېشىل چاي ئېچىتىلمايدۇ، شۇڭا يۇمران يوپۇرمىقىدىكى تەبىئىي مېنىرال ماددىلار كۆپرەك ساقلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چاي پولىفېنولى ۋە كوففېئىن %85 تىن يۇقىرى ھالەتتە ساقلىنىدۇ، يېشىل چايدىكى بىر قىسىم تەركىبلەر قېرىشنى ئۈنۈملۈك كېچىكتۈرەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ياللۇغنى قايتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، بۇ ئالاھىدىلىك باشقا چايلاردا يوق. بىراق يېشىل چاي تەركىبىدىكى خىلروفىل تەركىبى بەك يۇقىرى، بۇ ئاشقازان بىمارلىرىنىڭ ئۈچەي يولىغا بەكلا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا ئاشقازان بىمارلىرى يېشىل چاي ئىچسە بولمايدۇ.

    قەھۋە

    ياشلارنىڭ كۆپىنچىسى قەھۋەگە ئامراق، بىراق ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغاندا قەھۋە ئىچىشكە بولمايدۇ، قەھۋە ئاشقازان كىشلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، گەرچە ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرى تويۇنۇپ غىزالانغاندىن كېيىن ئىچكەن تەقدىردىمۇ ئوخشاشلا ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان يارىسى بىمارلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ كۆپ مىقداردا قەھۋە ئىچمەسلىكى لازىم. نورمال كىشىلەردىمۇ ئاچ قورساق ھالەتتە قەھۋە ئىچسە ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىنى بەلگىلىك دەرىجىدە غىدىقلاپ،ھەزىم قىلىش ۋە سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئاشقازان كېسىلى بىمارلىرىغا نىسبەتەن قەھۋە ئاشقازان ساغلاملىقىغا مەلۇم دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.

    سوغۇق ئىچىملىك

    ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلەر سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە بولمايدۇ، گەرچە پىژغىرىم ئىسسىقتا سوغۇق ئىچىملىك ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتسىمۇ، ئەمما ئاشقازىنى ياخشى ئەمەسلەرگە نىسبەتەن ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، يەنە تېخى مېڭە قان تومۇرى تارتىشىپ قېلىشنى ھەتتا يۈرەك سانجىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    كۆپرەك قىلىشتا تېگىشلىك ئۈچ ئىش

    قانۇنىيەتلىك غىزالىنىش

    كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقنى ۋاقتىدا، نورمىلىق يېيىش، يېمەك ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولۇش لازىم. نۇرغۇنلىغان ياشلار بىردە ئاز يەپ بىردە جىق يەيدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ھەددىدىن زىيادە تويۇنۇپ كېتىدۇ، بۇنداق ناچار ئادەتلەر ئۈچەي ئاشقازان كېسەللىكلىرى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاشقازاننى ئوبدان ئاسراش ئۈچۈن قانۇنىيەتلىك غىزالىنىش لازىم، يېمەك-ئىچمەك قانۇنىيەتلىك بولغاندا ئاندىن ئاشقازانغا پايدىلىق بولىدۇ.

    بەك تويۇپ كەتمەسلىك

    ئاشقازاننى ئاسراش ئۈچۈن كۈندىلىك تاماقتا بەك تويۇپ كەتمەسلىك لازىم، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يەتتە ئۈلۈش تويۇنۇش ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق. يەتتە ئۈلۈش دېگەندە ئاشقازان تېخى تولۇق تويۇنمىغان ئەمما ئىشتىھا تۆۋەنلەپ، غىزالىنىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ھالەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ، تاماقنى بەك تويۇپ يېمەسلىق ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشى ۋە ھەزىم قىلىشىغا پايدىلىق.

    ئاشقازان ئاغرىقى ئەمەلىيەتتە بىرخىل ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكىدۇر، ئاشقازان ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ قوغداش مېخانىزىمى بىلەن زەخمىلىنىش مېخانىزىمىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدۇر، يەنى كىشىلەر دائىم دەيدىغان غىزالىنىش قانۇنىيەتلىك بولماسلىق شۇ. ئاچچىقلىنىش ساغلام بولمىغان روھى ھالەت، ئەگەر ئاچچىقلىنىش ئادەمنىڭ ئاشقازىنىدىكى نېرۋىلىرىغا تەسىر يەتكۈزدە ئاشقازان ئاجراتمىلىرى نورمالسىزلىشىپ ئاشقازان كىسلاتاسى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ئاجرىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئاشقازان يارىسى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئاشقازاننى ياخشى ئاسراش ئۈچۈن چوقۇم كەيپىياتنى كونترول قىلىش كېرەك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى