• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ھىندىستانلىق مۇھىت قوغداش تەشەببۇسچىسى گانگې دەرياسى ئۈچۈن ئاشلىق ئېلان قىلىپ ۋاپات بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:30 14-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ھىندىستاندىكى داڭلىق مۇھىت ئاسراش ھەركىتى تەشەببۇسچىسى ئاگارۋال (GD Agarwal) ھۆكۈمەتنىڭ گانگې دەرياسىنىڭ ئۇل-ئەسلىھەسىنى تەڭشىشىگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ گانگې دەرياسىغا بولغان سىياسىتىگە رازى بولماي، 111 كۈن ئاشلىق ئېلان قىلىپ قارشلىق بىلدۈرۈپ،ئاخىرىدا 86 يېشىدا ۋاپات بولدى. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشچە، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى رېتىمسىزلىشىپ كەتكەچكە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئاگارۋال بۇ ئۆمرىدە ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئارزۇسى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى بولسا: گانگې دەرياسىنى قۇتقۇزۇش. ئۇ كانپوردىكى ھىندىستان تېخنىك ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق پروفېسسورى بولۇپ، ئۇ گەندى ئىدىيسىنىڭ ياقلىغۇچىسى، مۇھىت قوغداش تەشەببۇسچىسى، ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن 111 كۈن جەريانىدا ھۆكۈمەتنىڭ گانگې دەرياسىنى تۈزەش ۋە رەتكە سېلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاشلىق ئېلان قىلغان. ھىندىستان تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 12 ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشچە، ئاگارۋال 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرىنچى قېتىم ئاشلىق ئېلان قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ قارشىلىق بىلدۈرىشىنىڭ سەۋەبى بولسا ھۆكۈمەت مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، گانگې دەرياسىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالمىغان.

    ھىندىستان خەلقىنىڭ بۇلغىنىپ كەتكەن گانگې دەرياسى سۈيىدە يۇيۇنغىنىنى كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ كۆپ قېتىم بۇ دەريانى پاكىزلاش ئۈچۈن ئاشلىق ئېلان قىلىش ھەركىتىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز. ئۇ 2012-يىلىمۇ ئاشلىق ئېلان قىلىپ قارشلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ھىندىستان زۇڭلىسى سىنگى رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئىلگىرلەش ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتلىك گانگې دەرياسى ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارسى يىغىنى ئېچىپ (NGRBA)، ئۇنىڭ ھەرخىل تەلەپ پىكىرىنى ئاڭلىدى ۋە تەكشۈردى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى