• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىسپانىيەدە تۇيۇقسىز كەلكۈن كېلىپ ئالتە ئادەم قازا قىلدى، بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ماشىنا بىلەنلا ئېقىپ كەتتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:11 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئىسپانىيەنىڭ ماللوكا ئارىلى بىر كېچىدىلا تۇيۇقسىز ياغقان قارا يامغۇرنىڭ تەسىرىدە كەلكۈن ئاپىتىگە ئايلىنىپ، ئاز دېگەندىمۇ 6 ئادەم قازا قىلغان، كۆپلىگەن ئادەم يوقاپ كەتكەن. بىر جۈپ ئەنگلىيەلىك ئەر-خوتۇن شۇ جاي ۋاقتى 9-ئۆكتەبىر كەچ سائەت 8:00 ئەتراپىدا بىر تاكسىنىڭ ئىچىدە قازا قىلغان، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار تاكسىغا ئولتۇرۇپ ساينىت نورلۇنكادېسا بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچراپ، تاكسى كەلكۈندە ئېقىپ كەتكەن، تاكسى شوپۇرى يوقاپ كەتكەن.

    شۇ جايدىكى ساينىت نورلۇنكادېسا بازىرىنىڭ باشلىقى بىر كېچىدىلا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئەر ۋە ئىككى ئايالنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. قوشنا كەنتنىڭ سابىق كەنت باشلىقىمۇ بۇ يەردىكى كەلكۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكىتى قولايسىز بىر بوۋايمۇ ئۆينىڭ يەر ئاستى ئۆيىگە قاپسىلىپ قىلىپ قازا قىلغان، بىر ياشانغان مومايمۇ ئۆيىگە قاپسىلىپ قىلىپ قازا قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى