• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گۇگول Pixel 3 يانفونىنىڭ مال ئەۋەتىش ۋاقتى 4-3 كۈن كېچىكتۈرۈلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 19:09 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    گۇگول تور بېكىتىدىن Pixel 3 ياكى Pixel 3 XL يانفونىنى زاكاز قىلغان ئابونتلار بىرىنچى بولۇپ بۇ يانفونغا ئېرىشەلمەيدىغان بولدى، گەرچە گۇگول تۈنۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىككى خىل بايراقدار دەرىجىلىك يانفونغا زاكاز قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما مال ئەۋەتىش ۋاقتى ئەسلىدىكى مۆلچەردىكىدىن بىر نەچچە كۈن كېچىكىشى مۇمكىن. ئەڭ دەسلەپتە زاكاز قىلغان ئابونتلار ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى يانفوننى تاپشۇرۇپ ئالالايتتى. بىراق گۇگول تور بېكىتىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، زاكاز قىلىنغان يانفونلارنى ئەۋەتىش ۋاقتى بىر نەچچە كۈن كېچىكىشى مۇمكىن ئىكەن.

    تېز يوللانما ھەققىنى تاپشۇرغان ئابونتلارغا مال 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەۋەتىلىشى مۇمكىن.

    مەيلى ئادەتتىكى نۇسخىسى بولسۇن ياكى خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرى نۇسخىسى بولسۇن ياكى Project Fi نۇسخىسى بولسۇن ئەڭ تېز بولغاندىمۇ 10-ئاينىڭ 23- كۈنىدىن كېيىن مال ئەۋەتىلىدۇ.

    Pixel 3 يانفونىنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ Pixel 2 يانفونىدىن 150 دوللار يۇقىرى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا سىرتقى ساھەدىكىلەر گۇگول شىركىتىنىڭ مال بىلەن تەمىنلەش ۋە مال ئوبوروتىغا كاپالەتلىك قىلالىشىدىن گۇمانلانماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى ئۆسكەندىن باشقا Pixel 3 يانفونىنىڭ قاتتىق دېتال زاپچاسلىرىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان، بۇ خىل ئەھۋال بۇ مەھسۇلاتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    بۈگۈنكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى