• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خۇاۋېي Mate20X يانفونىنىڭ سەپلىمىلىرى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:03 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خۇاۋېي خېلى ئىلگىرىلا 10-ئاينىڭ 16-كۈنى لوندوندا تۇنجى بولۇپ Mate20X يانفونىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەلۋەتتە بۇ بىر خىل نۇسخىلىق يانفون بولماستىن، بەلكى بىر يۈرۈشلۈك يانفوندۇر. ئۇنداقتا ئۇچۇرلىرى كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان Mate 20 ،Mate 20 Pro يانفونلىرىدىن باشقا يەنە قانداق يېڭى يانفونلار بار؟ ھازىر ئاشكارىلاش ئۇستىسى evleaks يەنە بىر يېڭى يانفوننى ئاشكارىلىدى، بۇ يانفون Mate 20 X دەپ ئاتلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى خۇاۋېي تەرەپمۇ بۇ يانفون توغرىسىدا بەزى تەشۋىقاتلارنى قىلغان.

    يېقىندا ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، Mate 20 X يانفونى خۇاۋېي لوگوسى چاپلانغان روڭياۋ 8X يانفونىغا بەكرەك ئوخشايدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى يانفوننىڭ سىرتقى شەكلى ۋە سەپلىمىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك. Mate20X يانفونىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭغا 7.12 دىيوملىق ئېكران سەپلەنگەن. ئېكراننىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى 1080×2244 گە يېتىدۇ ئۇزۇنلۇق كەڭلىك نىسبىتى 18.7:9، بۇلاردىن باشقا كەينى يۈزىگە بارماق ئىزى سېنزورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    بۇ يانفونغا يەنە سېناپدىراگون 660 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، 4+64GB نۇسخىسى ۋە 6+128GB نۇسخىلىرىنى تاللاشقا بولىدۇ. كەينى يۈزىگە 2+12 مىليون پىكسىللىق قوش كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئالدى يۈزىگە بولسا 8 مىليون پىكسېللىق يەككە كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 5000mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن.

    بۇلاردىن باشقا evleaks نىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، Mate20X يانفونىنى روڭياۋ 8X يانفونىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يانفوننىڭ سىرتقى قېپى خۇرۇمدىن ئىشلەنگەن. قارىماققا ئىلگىرىكى P20 Pro يانفونىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. بىراق تەننەرخ سەۋەبىدىن بۇ ماتېرىيال بەلكىم قولدا ئىشلەنگەن ماتېرىيال بولۇشى مۇمكىن.

    نۆۋەتتە بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش باھاسى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات يوق.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى