• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يانفون ئېكرانىنى تازىلاشنىڭ ئەپچىل چارىلىرى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:26 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    فېڭيۇجىڭ (风油精)
    بەزى كىشىلەر ئىسپىرت ئارقىلىق يانفون ئېكرانىنى سۈرتۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش خاتا. چۈنكى، ئىسپىرت تەركىبىدىكى بەزى ماددىلار ئېكران قەۋىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئېكراننىڭ تۇتۇق بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، ئىسپىرت بىلەن يانفون ئېكرانىنى دائىم سۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. دىققەت قىلىدىغان بولساق، يانفونغا قوغداش چاپلىقى چاپلىغۇچىلارنىڭ بەزىدە يانفون ئېكرانىنى فېڭيۇجىڭ بىلەن سۈرتىۋېتىپ ئاندىن قوغداش چاپلىقى چاپلايدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنداق قىلىشتىكى سەۋەب، فېڭيۇجىڭنىڭ تازىلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي يەنە يانفون ئېكرانىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ. ئادەتتە يانفون ئېكرانىغا ئىككى تامچە فېڭيۇجىڭ تېمىتىۋېتىپ ئاندىن يۇمشاق لاتا بىلەن سۈرتسە بولىدۇ.
    سۈزۈك پلاستېر (透明胶带)
    سۈزۈك پلاستېر بىلەن يانفون ئېكرانىنى تازىلاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، يانفوندىكى كىچىك چاڭ-توزانلارنىمۇ تازىلىغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ يانفون ئېكرانى ئەتراپىدىكى ئارىلىقلارغا كىرىپ قالغان كىرلارنى تازىلاشقا قولايلىق يارىتىدۇ.
    ئەمما دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئىزى قالىدىغان پلاستېر ئىشلەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا، يانفون ئېكرانى يۈزىدە چاپلاشقاق ماددا پەيدا بولۇپ قالىدۇ ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
    ئىچىملىك سودا (小苏打)
    سۇغا ئاز مىقداردا ئىچىملىك سودا ئارىلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تالالىق لاتا بىلەن يانفون ئېكرانىنى سۈرتكەندە يانفون ئېكرانىنى پارقىراق ھالەتكە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئىچىملىك سودا ئاجىز ئىشقارلىق بولغاچقا يانفون ئېكرانىدىكى مايلارنى نېيتراللاشتۇرۇپ كىرلارنى پاكىز چىقىرىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى