• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كۈز پەسلىدە چۈشلۈك ئۇيقۇ قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:26 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ۋۇخەن داشۆسى جۇڭنەن دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى بۆلۈمى دوختۇرى شياۋ جىنسۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، چۈشلۈك ئۇيقۇ بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن، چۈشلۈك ئۇيقىدىن ئويغانغاندىن كېيىن يەنىلا «ئۇيقۇ يېتەرلىك ئەمەس»تەك، «داۋاملىق ئۇخلىغۇسى بار»دەك بولۇش ھالەتلىرىنىڭ ھەممىسى «ئۇيقۇ ھۇرۇنلۇقى غا كىرىدىكەن.

      شياۋ جىنسۇڭ دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئۇيقۇ قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دېگەنلىك خاتا ئىكەن. چۈشلۈك، كەچلىك ئۇيقۇ كۈندىلىك ئادەتلەنگەن ئۇخلاش ۋاقتى ئىچىدە تولۇقلىنىپ ماڭىدىكەن. شۇڭا خىزمەت قىلغۇچىلار جانلىق ئارام ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېڭىنى ئارام ئالدۇرسا بولىدىكەن. مەسىلەن، ئازراق مۈگدەش، مۇزىكا ئاڭلاش، پىيادە مېڭىش قاتارلىقلار.

      نېرۋا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەۋسيە قىلىشىچە، كۈز پەسلىدە ئۆي ئىچىدە ھاۋا ئۆتۈشۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاز ئولتۇرۇپ كۆپ ھەرىكەت قىلىش، دالا پائالىيەتلىرىگە كۆپرەك قاتنىشىپ، كۆپرەك ئاپتاپ سىنىش كېرەككەن، بۇنداق بولغاندا ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە پايدىلىق ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى