• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    رۇسىيەدە ئېشەككە مىنىپ ئۇخلاپ قالغان مەست ئەرنى ساقچىلار «قوغداش»قا مەجبۇر بولدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:20 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 10-ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيەلىك بىر ئەر سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى بىلەن ئېشەككە مىنىپ ئۇخلاپ قالغان، ساقچىلار ئامالسىز ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ قوغدىغان.

    قىسقا فىلىمدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، دېڭىز ساھىلىدا مەستتەكلا كۆرۈنگەن بىر ئەر سۇ ئۈزۈش ئىشتىنى بىلەنلا ئېشەك مىنىپ، ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدە تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن. ئەمما، بۇ ئېشەك دېڭىز ساھىلىدىن چوڭ كوچىغا چىقىپ سەيلە قىلىشقا باشلىغان. قىسقا فىلىمدا، يەنە ئىككى ساقچى ئېشەكنىڭ كەينىدىن مېڭىپ يۈرگەن بولۇپ، قارىماققا خۇددى ئۇنى قوغداۋاتقاندەك كۆرۈنگەن. نېمە ئىش بولغىنىنى بىلمىگەن بىر توپ كىشى بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىنى كۆرگەن، شۇنداقلا بۇ ئەرنىڭ قەيەرگە بارىدىغىنىنى، قاچانلاردا ئېشەكنىڭ دۈمبىسىدە ئۇخلاپ قالغىنىنى بىلەلمىگەن.

    بۇ قىسقا فىلىم رۇسىيەنىڭ قەيىرىدە تارتىلغىنى، ئۇ ئادەمنىڭ كىملىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. كىشىلەرمۇ بۇ ئېشەكنىڭ نەدىن كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمىگەن. بىراق، رۇسىيەدە، دېڭىز ساھىلىدا دەم ئېلىۋاتقاندا ساياھەتچىلەرنىڭ غەرق مەست بولۇپ كېتىشى دائىم ئۇچرايدىكەن.

    بۇ قىسقا فىلىم تورغا يوللانغاندىن كېيىن چېكىلىش قېتىم سانى 1 مىليون قېتىم بولغان 18 مىڭ باھا يېزىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى