• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    لېي جۈن: شياۋمى 8 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىنىڭ مال ئەۋەتىش مىقدارى 6 مىليون دانىدىن ئاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:17 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    شياۋمى گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى لېي جۈن يېقىندا مىكروبىلوگدا شياۋمى 8 يۈرۈشلۈكىدىكى يېڭى مەھسۇلاتنىڭ مال ئەۋەتىش مىقدارىنىڭ 6 مىليون دانىدىن ئاشقانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ سان ئېلان قىلىنغان چاغدا بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئېلان قىلىنغىنىغا تۆت ئاي بولغان ئىدى. 5-ئاينىڭ 31-كۈنى شياۋمى شېنجېندا يىللىق بايراقدار دەرىجىلىك يانفون شياۋمى 8نى ئېلان قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شياۋمى 8 SE يانفونىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

    6-ئاينىڭ 5-كۈنى شياۋمى 8 يانفونى رەسمىي بازارغا سېلىندى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى لېي جۈن 18 كۈندە شياۋمى 8 يۈرۈشلۈكىدىكى يانفونلاردىن بىر مىليون 26 مىڭ دانە سېتىلىپ، بىر مىليون دانىلىق چوڭ ئۆتكەلدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى. 9-ئاينىڭ 19-كۈنى شياۋمى شىركىتى يەنە شياۋمى 8نىڭ ياشلىق نۇسخىسى ۋە بارماق ئىزى سېنزورى ئېكران ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.

    مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شياۋمى 8 يۈرۈشلۈكىدىكى بايراقدار يانفونلارنىڭ مال ئەۋەتىش مىقدارى 6 مىليون دانىگە يەتكەن. بۇ بايراقدار دەرىجىلىك يۈرۈشلۈك شياۋمى 8، بارماق ئىزى سېنزور ئېكران ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نۇسخىسى ۋە شياۋمى 8 SE قاتارلىق نۇسخىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

    نۆۋەتتە شياۋمى شىركىتى يۇقىرى سەپلىمىلىك مەھسۇلاتلارنى چىقىرىشقا كۈچىمەكتە. 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا مەزگىللىك مالىيە دوكلاتىدا، شياۋمى ئەقلىي يانفونلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ 2017- يىلى 2-پەسىلدىكى 19 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن %58 ئېشىپ، 30 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يەتكەنلىكى، ئۇنىڭدا يانفونلارنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقى ئاساسىي سەۋەب ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. 2018-يىلى 2-پەسىلدە شياۋمى ئەقلىي يانفونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 952 يۈەن بولغان. 2017-يىلى 2-پەسىلدە بولسا ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسى 860 يۈەن بولغان. شياۋمى شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، يانفونلارنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىلىش باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ئاساسلىقى شىياۋمى 8 ۋە شياۋمى 8 SE قاتارلىق ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفون تىپلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدا ياخشى سېتىلىشى سەۋەبىدىن بولغان ئىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى