• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا بېرىلىپ كېتىش بالىلارنىڭ چوڭ مېڭە تەرەققىياتىغا پايدىسىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:16 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 27-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقى» دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ۋە ئېلىكترونلۇق مەھسۇلاتلارغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش بالىلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ (مەسىلەن سۆزلەش ئىقتىدارى،ئەستە تۇتۇشى ۋە ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاش قابىلىيىتى) تۆۋەنلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا تەتقىقاتچىلار بالىلار بۆلۈمى دوختۇرلىرى، ئائىلە باشلىقلىرى، مائارىپچىلار ھەمدە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرگە ئېكرانغا قاراش ۋاقتىنى چەكلەپ، بالىلار ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۇيقۇ ئادىتىنى ئالدىن ئويلىشىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن.

    تەتقىقاتتا چۈشەندۈرۈلىشىچە، ئامېرىكىدا ھەر 20 بالىنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرلا بالا ئۇخلاش، چېنىقىش ۋە تېلىۋېزور كۆرۈش ۋاقىت قوللانمىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىكەن. 8 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈندە 3.6 سائەت ۋاقىتى تېلىۋېزور كۆرۈش، يانفون ئويناش،تورغا چىقىش قاتارلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىدىغان بولۇپ، قوللانمىدا تەشەببۇس قىلىنغان ۋاقىتنىڭ ئىككى ھەسسىگە توغرا كەلگەن. تەتقىقات گۇرۇپپىسى سوئال تارقىتىش شەكلىدە ئامېرىكىنىڭ 20 رايونىدىكى 4520 نەپەر بالىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن، ئۇلار يەنە بالىلارنى ئالتە تۈرلۈك بىلىش ماھارەت سىنىقىغا قاتناشتۇرۇپ، ئائىلە كىرىم ئەھۋالى، ياشلىق مەزگىلىدىكى يېتىلىش ۋە ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا ئامىللارغا ئاساسەن سىناق نەتىجىسىنى تەڭشەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېكرانغا قارايدىغان ۋاقتىنى چەكلەش تەكلىپىنى بەرگەن،تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيقۇ ۋە چېنىقىشقا قارىتا قويۇلغان تەكلىپى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىي قوللانمىسىدىكى تەكلىپ بىلەن بىردەك چىققان.

    كانادا تۇنجى بولۇپ ئېكران ۋاقتىغا چەك قويغان دۆلەت بولغاچقا، تەتقىقاتچىلار تەتقىقات نەتىجىسىنى كانادا ئۆسمۈرلىرىنىڭ 24 سائەتلىك ھەرىكەت قوللانمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق %30كە يېقىن ئۆسمۈرنىڭ ھېچقانداق بىر تۈردىكى ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقىنى، %40تىن ئارتۇق ئۆسمۈرنىڭ پەقەت بىر تۈردىكى ئۆلچەمگە يېتىدىغانلىقىنى، %25 ئۆسمۈرنىڭ ئىككى تۈردىكى ئۆلچەمگە يېتىدىغانلىقىنى، پەقەت %5 ئۆسمۈرنىڭلا قوللانمىدىكى ئۈچىلى تۈرگە يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. كانادا ئۆسمۈرلىرىنىڭ يېرىمىنىڭ ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغان، %37 ئۆسمۈر ئېكران ۋاقتىنى چەكلەش دائىرىسدە بولغان، پەقەت %18 ئۆسمۈرلا تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتكەن. تەتقىقاتچىلار بۇنىڭدىن بالىلار قانچە كۆپ ئۆلچەمگە يەتسە تونۇش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارىغان، شۇنداقلا ئېكران ۋاقتىنىڭ بالىلارنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

    ئالىملار ۋە مائارىپچىلار بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ دائىم يانفون ئىشلەتسە يانفونغا خۇمار بولۇپ قېلىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن بارغانسېرى ئەنسىرىمەكتە، چۈنكى ئېكرانغا سەرپ قىلىنغان ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت ئېنىقلا ئۇيقۇ ۋاقتىنى ئازلىتىۋېتىدىكەن. يېقىندىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە زور كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار ئەقلىيفوننىڭ ئاللىقاچان دەرسخانىدىكى بىر كاشىلىغا ئايلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى چېچىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. فىرانسىيە ھازىر ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تېلىۋېزور قويۇپ بەرمەسلىكىگە ھەيدەكچىلىك قىلغان، ئامېرىكىنىڭ بالىلار دوختۇرلىرىمۇ بالىلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر يېرىم ياشقىچە قەتئىي تېلىۋېزور كۆرمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى