• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ​بىر دادىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى: ئولتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۆرە تۇرۇپ ئادەم بولساڭ كەلگۈسىدە باشقىلارغا تىزلىنىپ يالۋۇرمايدىغان بولىسەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:12 11-10-2018
    تەھرىر : ئادقىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بىر دادىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتىدە «ئولتۇرۇپ ئۆگىنىپ، ئۆرە تۇرۇپ ئادەم بولساڭ كەلگۈسىدە باشقىلارغا تىزلىنىپ يالۋۇرمايدىغان بولىسەن» دەپ يازغان.

    بالام: ياخشى تۇردۇڭمۇ؟

    سېنىڭدەك بالامنىڭ بولغىنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشالمەن. سەن بولغاچقا ئۆزىمىزنى شۇنچە بەختلىك ھەم تەلەيلىك ھېس قىلماقتىمىز. سەن بىزنىڭ بۇ ئۆمرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پەخرىمىز بالام.

    بالام، مەنمۇ يىغلاپ تۇرۇپ بۇ ناتونۇش دۇنياغا كەلگەن. پۈتۈنلەي بىلمەسلىك ھەم نادانلىقتىن تارتىپ بۇ كىشىلىك ھاياتنى تەدرىجىي چۈشىنىپ ئەمدى پىششىق بولغان بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە چاچلىرىمغا ئاق كىرگەندىن باشقا ھېچ بىر ئىشنى بىر باشقا چىقىرالمىدىم. مېنى تۇغقان ۋە مەن تۇغقان كىشىگە قارىسام تولىمۇ ئۇيات ھېس قىلىمەن، چەكسىز خىجىللىق ھېس قىلىمەن.

    كۆڭلۈمدە ساڭا خەت يازغۇم كەلدى بىراق ئۆزۈمنىڭ ئەيىب-نۇقسانلىرىمدىن خىجىل بولىمەن، نېمە دېيىشىمنىمۇ ئۇقالمايلا قالدىم. بۈگۈنكىدەك ئاچقۇچلىق پۇرسەتنىڭ كەلمىكى ئاسان ئەمەس. ئەمەلىيەتتە كۆڭلۈمدە ئويلىغىنىم بولسا مۇشۇ ئالاھىدە شەكىل بىلەن ئۆزۈمنىڭ مەغلۇپ بولغان كىشىلىك سەرگۈزەشتەم ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئاتا قىلساق، تولۇقلىسام دەيمەن. بۇلارنىڭ سېنىڭ كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشۇڭدا ئەگرى يوللارنى ئازراق مېڭىشىڭغا ياردىمى بولۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

    1.كۆپ كىتاب ئوقۇغىن. ھەر جەھەتتىكى بىلىمىڭنى موللاشتۇرغىن.

    بالام مەن سەندەك چېغىمدا ئۆگىنىش نەتىجەم بەكلا ناچار ئىدى، ئۆزۈمچە كىتاب ئوقۇغاننىڭ نېمە پايدىسى دەپ ئويلايتتىم. ھەمىشە خۇددى كىتابنى باشقىلارغا ئوقۇپ بېرىدىغاندەك، مەكتەپتە ئوقۇغان بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ ھېچ پەرقى يوقتەك ھېس قىلاتتىم. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،كەسكىن رىقابەتكە تولغان مۇھىتتا خىزمەت قىلغاندا ئاندىن ھەقىقىي تېگىگە يەتتىم. بىلىم لازىم بولغاندا ئاندىن ئۆزۈڭنىڭ بىلىدىغانلىرىڭنىڭ تولىمۇ كەملىك قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەنسەن، پۇشايمان قىلساڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدىكەن. ئەگەر ئەينى چاغدا مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان بولسام مېنىڭ تۇرمۇش ھالىتىم بىلەن خىزمىتىمنىڭ مۇھىتى چوقۇم باشقىچە بولاتتى.

    ئەتراپىمدىكى ئىلگىرى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئۆزى ئىگىلىك تىكلەپ خوجايىن بولدى، يەنە بەزىلىرى كەڭ ھەم يورۇق ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ چارە-تەدبىرلەرنى كۆرسىتىش، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ئەستايىدىل ئوقۇمىغان، ئۆگىنىش نەتىجىسى ناچار بالىلار بولسا ماڭا ئوخشاش كۈندۈزنى كېچىگە ئۇلاپ مال توشۇپ يەتكۈزۈپ كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى پىژغىرىم ئاپتاپتا تەرگە چىلىق-چىلىق بولۇپ كەتسىممۇ ئامال يوق مال توشۇش، قىش توشۇش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئايلىق مۇئاشى تولىمۇ ئاز. شۇنچە تېجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزسىمۇ كىرىمى چىقىمىغا يېتىشمەيدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ دۇنيادا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق. مەغلۇپ بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلگىرى كۆڭۈل قويمىغانلار،تىرىشمىغانلاردۇر. ۋاقىت مەڭگۈ تەييارلىقى بار كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدۇ.

    بالام، سەن ھېلىمۇ مەندىن ياخشى، مەندىن ئىلغار ھەم مۇنەۋۋەر. سېنىڭ ئۆزۈڭنى تېخىمۇ ئىلغار ھەم مۇنەۋۋەر كىشىلەردىن قىلىشقا كۆپ ۋاقتىڭ بار.

    بالام، بۈگۈن كۆپرەك ئوقۇغان كىتابلىرىنىڭ كېينكى كۈنلەردە ئەركىن پەرۋاز قىلىشىڭ ئۈچۈن قانات بولىدۇ. بۈگۈن كۆپرەك بىلىم ئىگىلىسەڭ، كېيىنكى كۈنلەردە كىشىگە يالۋۇرىدىغان گەپنى ئازراق قىلىسەن.

    بالام، كىتابنى كۆپ ئوقۇش سېنى تېخىمۇ چوڭ تاللاش ھوقۇقى بىلەن قارار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىدۇ. بۇنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى خىزمەت، تۇرمۇش، مۇھەببەت ۋە توي ئىشلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە پايدىسى، ياردىمى بار. سېنىڭ سالاپىتىڭ، ئالغان مەلۇماتلىرىڭ، ھەربىر قىلمىش ۋە سۆز-ھەرىكىتىڭ سېنىڭ ئالاھىدە ئىكەنلىكىڭنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

    كۆپ كىتاب ئوقۇش بىلەن تۇرمۇشنى ئۆزگەرتكىلى بولۇپلا قالماي يەنە كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. گەرچە چەكسىز ئادەم دېڭىزىدا پەقەت ئادەتتىكىچىلا بىر ئادەم بولساڭمۇ، ھازىر كۆپ كىتاب ئوقۇساڭ، بىلىم ئىگىلىسەڭ كەلگۈسىدە كىشىلىك تۇرمۇشىڭغا باشقىچە مەنە قوشۇلىدۇ، نەزەر دائىرەڭ كەڭ بولىدۇ، يۈرىكىڭدىن قەيسەر بولىسەن. بۇنداق تۇرمۇش سېنى ھەرجەھەتتىن باي-باياشات قىلىدۇ، باشقىلاردىن گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

    كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم بىلەن بىلىمسىز، نادان ئادەمدىكى ئادەتتىكى تۇرمۇشتىكى گەپ-سۆزلىرىدىنلا پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. بۇ پەرق ھەرگىزمۇ بىر-ئىككى كۈن ياكى بىرەر ئىككى ئايدا ھاسىل بولۇپ قالغان پەرق ئەمەس. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋاقىت ساڭا راستچىللىق بىلەن شۇنى دەپ بىرەلەيدۇكى، كۆپ كىتاب ئوقۇغان ئادەم بىلەن ئاز كىتاب ئوقۇغان ئادەم مەيلى مەنىۋى جەھەتتە بولسۇن ياكى ماددى جەھەتتە بولسۇن ئاسمان-زېمىن پەرق ئېتىدۇ.

    2. قىزىقىشىڭنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ ماھارىتىڭنى تاكاممۇللاشتۇرغىن.

    بالام مەن سەندەك چېغىمدا باشقىلارنىڭ رەسىم سىزغىنىنى، ناخشا ئېيتقىنىنى، ئۇسۇل ئوينىغانلىرىنى كۆرگىنىمدە تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتىم. قىزىقىش ئىلكىدە ئۆگىنىپمۇ باققان، بىراق كېيىن ھېچقايسىسىنى راۋۇرۇس ئۆگەنمىگەن. شۇڭا ھازىر قىزىقىشىممۇ يوق، ھېچقانداق باشقىچە ماھارىتىممۇ يوق. ئادەم توپىغا كىرىپ قالسام پەرق قىلغىلى بولغىدەك ھېچقانداق ئالاھىدىلىكممۇ يوق.

    ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆزگىچە بىر ئىجادىيەت، بىراق بەزىلەر كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن باشقىلارنىڭ ساختا نۇسخىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بالام مەن سېنىڭ رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. نېمىگە قىزىقىشىڭدىن قەتئىينەزەر، كېيىنكى كۈنلەردە سېنىڭ ئۆگىنىش تۈپەيلى قىزىقىشىڭنى، ھەۋىسىڭنى يوقىتىپ قويماسلىقىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرەر ئىشنى قىلىشنى ياقتۇرساڭ باتۇرلۇق بىلەن قىلغىن ھەمدە تىرىشىپ داۋاملاشتۇرغىن. داۋاملاشتۇرۇش، ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق كىشىلىك تۇرمۇشۇڭنى تېخىمۇ رەڭگارەڭ قىلغىن، ئۆزگىچە مەناغا ئىگە قىلغىن.

    بالام، جەمئىيەتكە ھەقىقىي قەدەم باسقان ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنىڭ قىزىقىشىڭنى ئۆزۈڭنىڭ كەسپىڭگە ئايلاندۇرالىغان چېغىڭدا ياكى شۇ ماھارىتىڭگە تايىنىپ كىشىلەر ئارىسىدا قەد كۆتۈرەلىگەن ۋاقتىڭدا ئۆزۈڭنىڭ بۈگۈنكى تىرىشچانلىقىڭغا تەشەككۈر ئېيتىسەن.

    3. يېڭىشنى ئويلىساڭ ئاۋۋال يېڭىلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭ كېرەك.

    بۇ دۇنيادا ھېچقانداق بىر كىشى ئۆزلىكىدىن خالىغانچە ئۇتۇق قازىنىپ قالمايدۇ. بىر كۈچەپلا قويۇپ ئۇتۇق قازىنىپ قالغانلار تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. پەقەت ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن كېيىن ئاندىن شۇنىڭغا ماس ھالدە نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ. ئەگەر يېڭىشنى ئويلىساڭ ئاۋۋال يېڭىلىشنى بىلىشىڭ كېرەك. يېڭىلىشنى بىلسەڭ ئاندىن يېڭەلەيسەن. بىرەر قېتىم يېڭىش بىلەن دائىملا ئۇتۇق قازىنىشىڭ ناتايىن بىرەر قېتىم يېڭىلىش بىلەن دائىم مەغلۇپ بولۇشۇڭمۇ ناتايىن. يەڭگەن، ئۇتۇق قازانغان ۋاقتىڭدا مەغرۇرلىنىپ كۆرەڭلەپ كەتمىگىن. ئۆزەڭگە تەمەننا قويۇپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشلارنى قىلمىغىن يېڭىلگەن چېغىڭدا ئۆزۈڭنى كەمسىتىپ يوقىتىپ قويمىغىن، يېقىلغان ئورنۇڭدىن تۇرالمايدىغان ئىشنى قىلما. يېڭىلگەندە ئىرادەڭنى، يەڭگەندە كەيپىياتىڭنى يوقىتىپ قويما. يېڭىش-يېڭىلىش ھەممىسى بۇ كىشىلىك ھاياتتىكى نورمال ھالەت. ئەگەر بۇلارنى بەك مۇھىم كۆرۈپ كەتسەڭ ئۆزۈڭ چارچاپ قالىسەن. بۇ تۇرمۇشتا ھەرۋاقىت يەڭگىل ئاتلىنىشنى ئۆگەنگىن. يېقىلغان جايىڭدىن باتۇرلۇق بىلەن تۇرۇپ كەت. كۈلۈپ تۇرۇپ قايتىدىن باشلىغىن.

    بالام، تۇرمۇشتىن ياكى باشقىلاردىن ئاغرىنمىغىن. ئۆزۈڭنىڭ جاپاسىنى ئۆزۈڭ تارتقىن، ئۆزۈڭنىڭ ئاغرىقىغا ئۆزۈڭ چىدىغىن. كىشىلىك ھاياتتىكى ھەربىر يولنى ئۆزۈڭ قەدەممۇ-قەدەم بېسىشىڭ كېرەك. سەھنىدىكى بىر مىنۇت ئويۇن ئۈچۈن سەھنە ئارقىسىدا 10 يىل مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، قارىماققا ئوڭۇشلۇق ھالدا تۇرمۇشتىكى يەڭگۈچىلەرگە ئايلانغان كىشىلەرنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى، تارتقان جاپاسى، تۆلىگەن بەدىلى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ 100 ھەسسىسىدىنمۇ ئارتۇق بولىدۇ. پەقەت قان-تەر سىڭدۈرگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تاتلىق مېۋىسىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگىلى بولىدۇ. باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى گەرچە كۆپەيتىۋالغىلى بولمىسىمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك ئېلىشقا بولىدۇ. سېنىڭ ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەت قۇۋۋەتلىنىپ، ئۆزۈڭنى ئاستا-ئاستا چېنىقتۇرۇپ تاۋلىشىڭنى،ئۆزۈڭنى ياخشى قوراللاندۇرۇپ كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان قۇدرەتلىك ئادەم بولۇشۇڭنى ئارزۇ قىلىمەن.

    4.ئاقكۆڭۈل ھەم پاراسەتلىك بولغىن.

    بالام، ئاقكۆڭۈللۈك ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولىدىغان بىر خىل قابىلىيەت بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئىش-ھەرىكەتلىرىڭگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم نامايەن بولىدۇ.

    سەن ئاۋۋال كىشىلەرگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشنى بىلىشىڭ كېرەك. ئەتراپىڭدىكى ھەربىر ئادەم ۋە نەرسىىنى لايىقىدا ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن تەبەسسۇم قىلىشنى، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى، باشقىلارنى ماختاشنى بىلىشىڭ كېرەك. ياخشى سۆز ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئۇزاققىچە ئىللىتىدۇ، ناچار سۆز تومۇزدىمۇ ئادەمنى مۇزلىتىدۇ. شۇڭا كىشىلەرگە قىزغىنلىق بىلەن دوستانە مۇئامىلىدە بولغىن. كەلگەنلا كىشىگە دەردىڭنى تۆكمىگىن، چۈنكى سەن باشقىلارنىڭ ياراڭغا دورا بېرىدىغىنىنى ياكى تۇز چاچىدىغىنىنى بىلمەيسەن كىشىلەر بىلەن ئۈنۈملۈك سىردىشىشنى ئۆگەنگىن، لېكىن باشقىلارغا گەپ-سۆز بىلەن ئازار بەرمىگىن. باشقىلارنىڭ جېدەل زىددىيەتلىرىگە قەتئىي ئارىلاشمىغىن قاملاشمىغان كۆز-قاراشلارغا قارىتا قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆڭلۈڭدە سان بولسۇن.

    ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە قارىتا مىننەتدار بولغىن، قىزغىن ھەم راستچىل بولغىن يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا ۋە ئالداشلىرىغا ئۇچرىغاندا ئۆزۈڭنى قوغداشنى، سىپايىلىك بىلەن رەت قىلىپ زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىلگىن.

    بۇ جەمئىيەتتە ئادالەتسىزلىكلەر، قاراڭغۇلۇقلار ھەقىقەتەنمۇ ئاز-تولا مەۋجۇت، بىراق سەندە ئاق كۆڭۈل قەلب بولسىلا تۇرمۇشنىڭ ھەممىلا يېرىنىڭ گۈزەللىككە تولغانلىقىنى ھېس قىلالايسەن.

    بالام، ئاقكۆڭۈل بولۇش خاتا ئەمەس، بىراق ئاق كۆڭۈل بولغاندا يەنە پاراسەتلىك بولۇشنىمۇ ئۇنۇتمىغىن. سوغۇققان بولغىن لېكىن مۇز چىراي، باغرى تاش بولمىغىن كەسكىن بولغىن لېكىن قارىغۇلارچە ئىش تۇتمىغىن.

    5. مىننەتدار بولۇشنى بىلگىن، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلگىن.

    تايگور ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: دۇنيا مېنىڭ قەلبىمنى ئاغرىتسا، مەن مەدھىيەلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىمەن.

    مىننەتدار بولۇش تۇرمۇشىمىزدا قىلىش ئەڭ تەس ئەمما بىر ئۆمۈر داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش. بۇ دۇنيادا ياشىغانكەنمىز ھەر ۋاقىت ھەر تەرەپتىن كەلگەن ھەر خىل «مېھىر-شەپقەت» لەردىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرىمىز. مۇشۇلارغا قارىتا كۆڭلىمىزدىكى مىننەتدارلىق قانچە چوڭقۇر ھەم كۆپ بولسا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا خۇشاللىقمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ تۇرمۇشىمىزدا ئاغرىنىش قانچە كۆپ بولسا كۆڭلىمىزمۇ شۇنچە ئېغىر ئازابتا قالىدۇ.

    ئادەتتىكى كۈنلەردە ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى بېقىپ چوڭ چوڭ قىلغان ئەجرى، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ تەربىيەلىگەن ئەجرى، ساۋاقداشلىرىمىزنىڭ مېھرى ۋە دوستلىرىمىزنىڭ ياردەملىرىگە قارىتا مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك. بالام ئۇلارغا مىننەتدارلىقىڭنى بىلدۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ۋاقتىڭدا بۇنى كۆڭلۈڭدە ساقلىغىن. مىننەتدارلىقىڭنى بىلدۈرۈشكە قابىلىيىتىڭ يەتكەندە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ياردەم قولۇڭنى سۇنغىن.

    بەلكىم بىرەر ياشانغان بوۋاينى يۆلەپ يولدىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىشىڭ مۇمكىن، ئاپتوبۇستا مۇھتاج كىشىلەرگە ئورۇن بېرىشىڭ مۇمكىن، ئاتا-ئاناڭغا ياردەملىشىپ ئىش قىلىپ بېرىشىڭ مۇمكىن...ئۆز ھەرىكىتىڭ ئارقىلىق ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئىللىتىشنى مانا بۈگۈندىن باشلىغىن.

    6.پايدا-مەنپەئەتكە ئۆزۈڭنى بەك ئۇرمىغىن. كۆپرەك دوست تۇتقىن.

    مۇنداق بىر ماقال تەمسىل بار: چىۋىنگە ئەگەشسەڭ ھاجەتخانىغا باشلايدۇ، ھەسەل ھەرىسىگە ئەگەشسەڭ گۈللۈككە باشلايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا سېنىڭ كىم بىلەن بىللە يۈرۈشۈڭ بەك مۇھىم، بۇ ھەتتا سېنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش يولۇڭنى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ، سېنىڭ كىشىلىك ھاياتىڭنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. قانداق ئادەم بىلەن بىللە بولساڭ شۇنداق كىشىلىك تۇرمۇشۇڭ بولىدۇ. ئىشچان، تىرىشچان ئادەملەر بىلەن بىللە بولساڭ ھورۇن بولۇپ قالمايسەن ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك كىشىلەر بىلەن بىللە بولساڭ چۈشكۈنلىشىپ قالمايسەن.

    بالام، نەتىجىسى ياخشى، ئەلاچى مۇنەۋۋەر ساۋاقداشلىرىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن يېقىنلاشقىن. پاراسەتلىك ياخشى كىشىلەر بىلەن بىر سەپتە بولغىن، ئۇلاردىن ئۆگەن، ئۇلار بىلەن دوست بولغىن. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگىنىپ ئۆزۈڭنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلىغىن، ئۆزۈڭنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشقىن.

    ئۆزۈڭ قاراڭغۇلۇقتا تۇرساڭ قۇياشنى كۆرەلمەيسەن. ئۆزۈڭ نۇر چېچىشنى ئويلىساڭ چوقۇم چوڭ قەدەملەر بىلەن قۇياشنى قوغلىشىڭ كېرەك. بىر ئادەم نېمىگە ئىشەنسە ئۇنىڭ كەلگۈسى شۇنىڭغا يېقىنلىشىدۇ! كەلگۈسىدە تىرىشچانلىقىڭنىڭ ئىپتىخارىڭغا ئايلىنىشىنى تىلەيمەن!

    بالام، كەڭ قورساق، ئېغىر-بېسىق ئادەم بولغىن. پايدا-مەنپەئەتكە ئۆزۈڭنى ئۇرمايدىغان، ئېرىشمەكچى بولغانلىرىڭغا تىرىشچانلىقىڭ بىلەن ئىرىشىدىغان ئادەم بولغىن. تاماخور بولمىغىن. غۇرۇرلۇق، ۋىجدانلىق ئادەم بولغىن بىراق تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ئادەم بولۇپ قالمىغىن.

    7. راستچىل، ۋەدەڭدە تۇرىدىغان ئادەم بولغىن. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرىدىغان ئادەم بولغىن.

    «نەپسىنى يىغالايدىغان ئادەم چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، كامىل كىشىلەردىن بولالايدۇ». چوڭ ئىشلارنى تەۋرىتەلەيدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى راستچىل، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەملەردۇر. بالام ئېسىڭدە بولسۇن: ئادەم نېمىلا ئىش قىلسۇن چوقۇم لەۋزىدە تۇرۇشى كېرەك.

    ساۋاقداشلىرىڭنىڭ نەرسىلىرىنى ئارىيەتكە ئالغان بولساڭ چوقۇم قايتۇرۇشۇڭ كېرەك. باشقىلارغا ماقۇل بولغان ئىشلاردا چوقۇم لەۋزىڭدە تۇرۇشۇڭ كېرەك، ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇڭ كېرەك. تاماملاشقا ئامالسىز قالغاندا چۈشەندۈرۈش بېرىشىڭ كېرەك.

    بالام، ئادەم پەقەت ھەقىقىي، سەمىمىي بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، بۇ رەزىللىككە تولغان رېئال جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

    باشقا ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى سېلىشتۇرما. تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش دېگەندەك قالايمىقان ناچار ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈپ قېلىشتىن ساقلانغىن ئۆزۈڭدە بار مەسىلىلەرگە قارىتا توغرا قاراشتا بولغىن. باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلىشنى بىلگىن. ئېزىقتۇرۇشلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي خاتا ئىش قىلغاندا تېگىشلىك جازاسىنى تارتىپ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئېلىشىڭ كېرەك. خاتالىق ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ بىراق ۋاقتىدا تۈزىتىشىڭ كېرەك. ئوخشاش خاتالىقنى قايتا-قايتا ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ.

    بالام، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بولسا ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر سەن ئۆزۈڭنىڭ گەپ-سۆز، ئىشلىرىڭنىمۇ باشقۇرالمىساڭ، بۇ كىشىلىك ھاياتقا قانداقمۇ ئىگە بولۇپ ئۆز تەقدىرىڭنىڭ خوجىسى بولالايسەن؟

    بالام، يامغۇردىن كېيىن قۇياش پارلايدۇ. مۇۋەپپەقىيەت ھەمىشە تىرىشچانلىقتىن كېيىن بولىدۇ. مىڭ قېتىم، ئون مىڭ قېتىم ياد ئېتىش ئۆزۈڭ بىر بېشىڭدىن ئۆتكۈزۈپ سىناپ باققانغا يەتمەيدۇ. بۈگۈن كۆپرەك تىرىشقىنىڭ كەلگۈسىدە باشقىلارغا يالۋۇرۇپ پۇشايمان قىلغىنىڭدىن مىڭ ياخشى. مەيلى تۇرمۇشۇڭ، ھاياتىڭ قانداقلا بولسۇن ئۆزۈڭنىڭ. ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ سېنى زورلايدىغان ھوقۇقى ياكى سالاھىيىتى يوق.

    بالام، مېنىڭ ساڭا بەرگۈدەك ھېچقانچە نەرسەم يوق. پەقەت سېنىڭ دۇرۇس، باتۇر، مۇستەقىل ئادەم بولۇشۇڭنى ئارزۇ قىلىمەن.

    كۈنلەرنىڭ بىرىدە سېنىڭ ئۆز ئاغزىڭ بىلەن« دادا، مەن قىلالىدىم» دېيىشىڭنى ئارزۇ قىلىمەن ھەم كۈتىمەن.

    بالام، مەيلى بۇ دۇنيا قانداقلا ئۆزگىرىپ كەتسۇن، سېنىڭ ھاياتلىق مۇساپەڭ تېخى ئۇزۇن. مۇنداق تۆت ئېغىز گەپنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتقىن ھەمدە كۈچۈڭنىڭ يېتىشىچە ئەمەلگە ئاشۇرغىن: تەربىيە قەلبىڭگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتسۇن ھېچكىم ئەسكەرتمىسىمۇ ئاڭلىق بولغىن ئەركىنلىكىڭ ئۆز بېسىقىدا بولسۇن باشقىلارنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئاقكۆڭۈل بولغىن.

    بالام، ئەڭ ئاخىرىدا سېنىڭ ساغلام، خۇشال-خۇرام ياشىشىڭنى، ھەقىقىي ئۆزۈڭ بولالىشىڭنى تىلەيمەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى