• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سامسۇڭ Galaxy A9 يانفونىنىڭ پارامېتىرى ئاشكارىلاندى: تۆت كامېرا سەپلىنىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:10 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ دۇنيادىكى تۇنجى ئارقىسىغا تۆت كامېرا ئورنىتىلغان يانفون Galaxy A9 Proنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. بۈگۈن ئاخشام، بەزى خەۋەرلەردە بۇ يانفوننىڭ تۆت ئارقا كامېراسىنىڭ پارامېتىرى ئاشكارىلاندى.

    رەقەملىك بىلوگ ئىگىسى «suspiciousman-织微博的唐山暖男» ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ Galaxy A9 Proنىڭ تۆت ئارقا كامېراسىغا ئۇزۇنىسىغا تىزىش لايىھەسى قوللىنىلىپ، تۆت كامېرا ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ تىزىلىدىكەن، ھەم يانفون گەۋدىسىنىڭ سول تەرەپ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

    ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ تىزىلغان تۆت كامېرا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كەڭ بۇلۇڭلۇق لىنزا، ئۇزۇن فۇكۇسلۇق لىنزا، ئاساسلىق كامېرا، تەسۋىر چوڭقۇرلۇقى لىنزىسى ئىكەن كۆرۈنۈش قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا سەككىز مىليون، 10 مىليون، 24 مىليون، بەش مىليون بولۇپ، ھەممىسىنى قوشقاندا 47 مىليون پىكسېل بولىدىكەن دىئافراگما قىممىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا f/2.4، f/2.4، f/1.7، f/2.2 بولۇپ، ئىككى ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق فوكۇس ئۆزگەرتىش ۋە رېئال فوكۇس تەڭشەشنى قوللايدىكەن.

    باشقا پارامېتىرى جەھەتتە، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يانفونغا سىناپدىراگون 660 بىر تەرەپ قىلغۇچى، 4GB بىلەن 6GB، 64GB بىلەن 128GBلىق ساقلىغۇچ، 6.28 دىيۇملۇق FHD+ AMOLED ئېكران، 3720mAhلىق باتارېيە سەپلىنىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى