• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    خانلىق مادرىد «ئارگېنتىنالىق خازارد» ۋارگاسنى قوشۇۋالماقچى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:09 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خانلىق مادرىد قاتارلىق ياۋروپادىكى زەردار كۇلۇبلار قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا «ئارگېنتىنالىق خازارد» دەپ نام ئالغان يان ھۇجۇمچى ماتىياس ۋارگاسنى قوشۇۋېلىشقا تەييارلانغان. 21 ياشلىق ۋارگاس ھازىر ئارگنېتىنا بىرلەشمىسىدىكى سارسفېلد كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ، ئۇ ئارگېنتىنا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن بىر مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.

    «TalkSPORT»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يۇۋېنتۇس، پارىژ سانت گېرمان، بايرېن مىيۇنخېن ۋە لىۋېرپول قاتارلىق زەردارلار ئاللىقاچان ۋارگاسقا دىققەت قىلىشنى باشلىغان، ھازىر بۇ سەپكە خانلىق مادرىدمۇ قوشۇلغان. خانلىق مادرىد ئادەم ئەۋەتىپ بۇ ياش توپچىنىڭ نەچچە مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنى كۆزەتكەن، ئۇلار بۇ توپچىنىڭ ئىپادىسىدىن ناھايىتى رازى بولغان. توپچى بايقۇغىچىلار ۋارگاسنىڭ بەدەن ساپاسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خانلىق مادرىدنىڭ بۇ توپچىنى قوشۇۋالسا بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

    فىلرېنتىنوغا نىسبەتەن پۇل چوڭ مەسىلە ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى بۇ توپچىنىڭمۇ ياۋروپادا توپ تېپىش ئارزۇسى بار، بىراق خانلىق مادرىد كۈچلۈك رىقابەتكە دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ياۋروپادىكى زەردارلار قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا بۇ توپچىنى قوشۇۋالماقچى. لېكىن ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى،ۋارگاس ئارسېنال مەستانىسى، ئۇ ئىلگىرىكى زىيارەتتە ئۆزىنىڭ ئارسېنالدا توپ تەپكۈسى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى