• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى بېكىتى كۆچتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:07 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، كىشىلەر تەرىپىدىن «نەنزىگو ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى سۈنئىي ھەمراھ يولىدىكى ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ يېنىدىكى يېڭى ئورۇنغا كۆچتى. كۆپچىلىككە 60 يىل ھەمراھ بولغان بۇ كونا بىكەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تاشيول يولۇچى تىرانسپورتىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە شۇنداقلا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئىزنالىرىغا شاھىد بولدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يېپيېڭى قىياپەت بىلەن ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالماقتا.

    مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتە، مۇخبىر يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىگە كەلدى. ئازادە ۋە يورۇق ئاپتوبۇس كۈتۈش زالى، تەرتىپلىك كىرىش-چىقىش يولى، زامانىۋىلاشقان ئېلېكتىرونلۇق چوڭ ئېكران ۋە تۈرلۈك مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تاشيول يولۇچى توشۇش تۈگۈن بېكىتىنىڭ يېڭىچە قىياپىتىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

    2012-يىلى ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش سانى 2 مىليون 550 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 7 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇغانىدى. ھازىر تۆمۈريول، ئاۋىئاتسىيە، ئائىلە ئاپتوموبىلى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك سەپەرگە چىقىش شەكلى سەۋەپلىك، ئاپتوبۇس بېكىتى كىشىلەرنىڭ ئالدىن تاللىشى بولماي قالدى. يېڭىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىمۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق لىنىيەلەرنى ھۆددىگە ئېلىشتىن پەقەت ئالتاي، تارباغاتاي قاتارلىق شىمالىي شىنجاڭ رايونلىرى قاتنايدىغان 42 لىنىيەنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئۆزگەردى. ئاپتونوم رايون سىرتىغا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇسلارمۇ دەسلەپكى 22دىن ئالتىگە قىسقاردى. ئەمما، ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتى يەنىلا يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىماقتا. 60 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز تاشيول قاتنىشىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئەمما، يولۇچىلار تىرانسپورتى خىزمەتچىلىرىنىڭ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋەدىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.

    ئۈرۈمچى ئۇزۇن يوللۇق يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ خىزمەتچىسى رەنا ئەخەت مۇنداق دېدى: «ھازىر يېڭى بىكەتكە كۆچتۇق، مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. قاتتىق دېتاللار ياخشىلانغانىكەن، مۇلازىمىتىمىزمۇ ياخشى بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. خىزمەت ئورنۇمدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن.»


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى