• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىرلىق تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك قارا بوران «مايكول» قۇرۇقلۇققا چىقتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 11:57 11-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    • چەت ئەل تورىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىقلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۆتىنچى دەرىجىلىك قارا بوران «مايكول» شۇ جاي ۋاقتى 10-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى رايونلاردىن قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، شامال سۈرئىتى سائىتىگە 155 مىل (تەخمىنەن 250 كىلومېتىر) بولغان. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شامال كۈچى جەھەتتە، بۇ فىلورىدا ئىشتاتىغا ھۇجۇم قىلغان خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك قارا بوران ئىكەن.

    ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN)نىڭ خەۋىرىدە، بۇ قارا بوران فىلورىدا ئىشتاتىغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىپلا قالماي، يەنە ئالاباما ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىي ۋە جورجىيە ئىشتاتىمۇ بۇ قارا بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى، بەلكىم يەنە قارا يامغۇر، كەلكۈن ئاپىتى ۋە كۈچلۈك بوراننىڭ خەتىرىگە يۇلۇقۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.



    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى