• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    «چاقماق ئىلاھى 3»تىكى ئايال پالۋان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»تە چىقامدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 16:55 06-10-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 3: چەكسىز ئۇرۇش» (复仇者联盟3:无限战争)نىڭ ئاخىرقى كۆرۈنۈشىدە ھالاكەت زومىگىرى ئالتە گۆھەرنى يىغىپ قاس چىقىرىدۇ ھەمدە كائىناتتىكى يېرىم جانلىقنى غايىپ قىلدۇرىدۇ. لېكىن، بۇ كىنو باشلانغاندىن كېيىن «چاقماق ئىلاھى 3»تىكى «ئايال پالۋان» ۋالكىيرى كۆرۈنمىگەن بولۇپ، مەستانىلەر «چاقماق ئىلاھى 3»تە ئىنتايىن مۇھىم ئوبراز بولغان بۇ ئايال پالۋاننىڭ كەلگۈسىگە قىزىقىشقا باشلىغان.

    يېقىندا، بەزى تورداشلار ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئايال پالۋاننىڭ رولىنى ئالغۇچى تېسسا تومپسوندىن ھالاكەت زومىگىرى قاس چىقارغاندا ئۇنىڭ غايىپ بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغان بولۇپ، تېسسا تومپسون ئاشكارە ھالدا «ھېچنىمە بولمىدىم» دېگەن. ئۇنداقتا، ئايال پالۋان «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»تە چىقامدۇ؟

    بۇنىڭ جاۋابى: ھەئە! يېقىندا، «چاقماق ئىلاھى» كرىس خېممسۋورس ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تېسسا تومپسوننىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»نىڭ تولۇقلاپ سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنى ئاياغلاشتۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئايال پالۋاننىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»تە نامايەن بولىدىغانلىقىنى ئالدىن ئاشكارىلاپ قويغان. يېرىم دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان يوقاپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ئايال پالۋاننىڭ «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»تىكى رولى تېخىمۇ روشەن بولۇشى مۇمكىن.

    شۇڭا، ئايال پالۋاننىڭ جانلىق ھالىتىنى يەنىلا «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» قويۇلغاندا ئاندىن كۆرەلەيمىز، بۇ كىنو 2019-يىلى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلىدۇ.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى