• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    تەتقىقاتچىلار چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىن شەكلى ئاجايىپ غەلىتە ۋە سىرلىق جانلىقلارنى بايقىدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:33 27-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يەر شارىدىكى چوڭقۇر دېڭىزلاردا ھەر خىل سىرلىق جانلىقلار بار، نۇرغۇن جانلىقلارنىڭ غەلىتە سىرتقى شەكلى ھەتتا ئالىملارنىمۇ ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.

    22-سېنتەبىر ئامېرىكا مۇستەقىل دېڭىز-ئوكيان ئىلمى تەتقىقات تەشكىلاتى «نائۇتىلۇس» ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوغداش رايونى پاپاخانائۇموكۇاكا دېڭىز ئوكيان قوغداش رايونىدىكى چوڭقۇر دېڭىز ئاستىدىن بىر ئاجايىپ بېلىق تۈرىنى سىنغا ئېلىۋالغان.

    ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى دېڭىز تېگىدىكى 1400 مېتر چوڭقۇرلۇقتىكى جايدا باش قىسمى ناھايىتى چوڭ بىر بېلىقنىڭ ئۈچۈپ يۈرگەنلىكىنى سىنغا ئېلىۋالغان، بۇ بېلىقنىڭ بېشى خۇددى شارغا ئوخشايدىغان بولۇپ، بېشى بىلەن ئىنچىكە تېنى پۈتۈنلەي ماسلاشمىغان ئىدى.

    تەن شەكلى غەلىتە بۇ بېلىق ئېكران ئالدىدىكى ئالىملارنىڭ ئىنتايىن قىزىقتۇرغان، ئۇلار بەس-بەس بىلەن بۇ بېلىق توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىشىۋاتقاندا تېخىمۇ ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈش پەيدا بولغان.

    بۇ بېلىقنىڭ توپتەك كۆپۈپ كەتكەن باش قىسمىدىن تۇيۇقسىز چوڭ بىر ئېغىز ئېچىلغان، ئارقىدىن خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن شاردەك تېز سۈرئەتتە بىر ئادەتتىكى يىلانبېلىققا ئايلانغان.

    بۇ كۆرۈنۈش ئېكران ئالدىدىكى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، بىرلا ۋاقىتتا بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرىۋاتقان نەچچە ئون مىڭلىغان تورداشلارمۇ بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ ھاڭ-تاڭ قالغان.

    دېڭىز-ئوكيان جانلىقلىرى ئالىملىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ خىل بەدەن شەكلىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان بېلىقنىڭ ئىلمى نامى يۇتقاق يىلانبېلىق بولۇپ، يەر شارىدىكى 1-2000 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ ھەممىسىگە تارقالغان ئىكەن. ئۇنىڭ ئېڭەك سۆڭىكى بەدەن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىچىلىك سوزۇلالايدىكەن شۇڭا ئېغىزىمۇ قارىماققا ناھايىتى يوغان ئىكەن.

    بىراق يۇتقاق يىلانبېلىقنىڭ ئاشقازىنى ۋە بەدىنى بۇنداق سوزۇلۇپ ئۇزىرالمايدىغان بولغاچقا شۇڭا ئۇ بۇنداق چوڭ ئېغىزى بىلەن چوڭ بېلىقلارنى ئوۋلىيالمايدىكەن، پەقەت بۇنى رەقىبلىرىنى قورقۇتۇشقىلا ئىشلىتىدىكەن، ئادەتتە كىچىك بېلىق ۋە راكلارنى ئوزۇق قىلىدىكەن.

    «نائۇتىلۇس»نىڭ بۇ بىۋاستە تارقىتىشى پەقەت ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قېتىم بىۋاستە تارقاتقان ئىلمى تەكشۈرۈش جەريانىنىڭ ئىچىدىكى بىر قېتىملىقى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇلار دېڭىز ئاستىدىن نۇرغۇن سىرلىق جانلىقلارنى بايقىغان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پۈتۈن بەدىنىدىن رەڭگارەڭ نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغان مېدۇزا، دېڭىز ئېتىغا ئوخشايدىغان سەككىز ئاياق قاتارلىقلار بار ئىكەن.

    بىراق يۇتقاق يىلانبېلىقنىڭ بەدەن شەكلىنى بۇنداق ئۆزگەرتىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن. ئىلمى تەكشۈرۈش خادىملىرى مۇشۇنداق دېڭىز ئاستى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق دېڭىز ئاستى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ يەر شارى ئىقلىمىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىدىكەن.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى