• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قانچىلىك بولىدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:30 27-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    غالجىرلىق كېسىلى ئىنتايىن ئېغىر كېسەللىك، غالجىرلىق كېسلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا تۇرمۇشتا ئىت چىشلىۋالغان ھامان دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ غالجىرلىق كېسلى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزۇش كېرەك، يېقىندا بىر ئوغۇل بالىنى يولدا مېڭىۋاتقان ۋاقتىدا ئىت چىشلىۋالغان، ئوغۇل بالا دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى سالدۇرغان، لېكىن ۋاكسىنا سالدۇرۇپ 13 كۈندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن.


    غالجىرلىق كېسىلى شۇنچە ئىتتىك قوزغىلامدۇ؟ غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى زادى قانچىلىك؟

    غالجىرلىق كېسىلى غالجىرلىق ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان جىددىي خارەكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل، كېسەل قوزغالغان ۋاقتىدا سۇدىن قورقۇش، قىززىش، يۇرۇقلۇقتىن قورقۇش، نەپەس ئېلىش قىينىلىشىش، چىشلىرى كىرىشىپ قېلىش، تارتىشىپ قېلىش، ئېغىر تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئېغىر بولغاندا ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئادەتتە 3-1 ئايغىچە بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 10 يىل بولىدۇ، لېكىن بۇنداق ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ.

    غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئالدى-كېيىن بىر ئاي ئۇرغۇزۇش كېرەك، ئارقا-ئارقىدىن تۆت تال ۋاكسىنا سالغاندا ئاندىن كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئەگەر كېسەللىك يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولسا ۋاكسىنىنى تولۇق سېلىپ بولۇشتىن بۇرۇنلا كېسەللىك قوزغىلىدۇ، غالجىرلىق كېسىلىنىڭ پەقەتلا ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ.


    نېمىشقا ھەممە ئادەمنىڭ كېسەللىك يوشۇرۇن مەزگىلى ئوخشاش بولمايدۇ؟

    يوشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ياش، يارا ئېغىزى، يارىنىڭ چوڭقۇرلىقى، ۋىرۇس سانى ۋە ۋىرۇسنىڭ كۈچى، بەدەن ساپاسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ئادەتتە بالىلارنىڭ كېسەللىك يوشۇرۇن مەزگىلى بىرقەدەر قىسقا بولىدۇ، يارا ئېغىزى باش قىسمىدا بولغانلارنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى قىسقا بولىدۇ، يارا ئۈستىنكى بەدەندە بولغانلارنىڭ 39 كۈن، ئاستىنقى بەدەندە بولغانلارنىڭ 90 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ، يارا ئېغىزى پاكىزە تازىلانماسلىق، سوغۇق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق ئامىللارمۇ كېسەللىكنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىگە تەسىر كۆرستىىدۇ.

    بەزى ۋاقىتتا ئىت چىشلىۋالغان تەقدىردىمۇ يارا ئېغىزى شەكىللەنمەيدۇ، كىشىلەر يارىلانماپتىمەن دەپ ئويلاپ سەل قارايدۇ، ئەمىليەتتە ئىنتايىن كىچىك يارىمۇ كېسەللىك پەيدا قىلالايدۇ،زەخمىلەنگەن ياكى زەخمىلەنمىگەنلىكىنى قانداق ئايرىيمىز؟ ئىسپىرتقا چىلانغان پاختا بىلەن تېرىمىزنى سۈرتسەك، ئەگەر ئاغرىق سېزىم پەيدا بولسا يارىلانغان بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا چوقۇم ۋاقتىدا غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسىنى ئۇرغۇزۇش كېرەك.

    غالجىرلىق ۋاكسىنىسى جەمئىي بەش تال بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يارىلانغان كۈنى، يارىلانغاننىڭ ئۈچىنچى كۈنى، 7-كۈنى، 14-كۈنى ۋە 28-كۈنى ئۇرىلىدۇ، ئەگەر كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا يەنە غالجىرلىق كېسلىگە قارشى تۇرغۇچى قان پىلازمىسى ئۇرىلىدۇ، غالجىرلىق كېسىلى ۋاكسىنىسى ئۆمۈرلۈك ۋاكسىنا ئەمەس، بۇرۇن ۋاكسىنا ئۇردۇرۇپ ئالتە ئايدىن كېيىن ئىت چىشلىۋالسا چوقۇم يەنە قايتا ئۇرغۇزۇش كېرەك، ئەگەر ئالتە ئاي ئىچىدە يەنە يارىلانسا پەقەت يارا ئېغىزىنى پاكىزە تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىۋەتسىلا بولىدۇ.


    پەقەت ئىت چىشلىۋالغاندىلا ئاندىن غالجىرلىق كېسلىگە گىرىپتار بولامدۇ؟

    ئادەتتە ئىسسىق قانلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى غالجىرلىق كېسلى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەردۇر، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۈشۈك، تۈلكە، بۆرە، ئېيىق، شەپەرەڭ قاتارلىق ھايۋانلار ئىتايىن خەتەرلىك ھېساپلىنىدۇ. غالجىرلىق كېسىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى %100 بولۇپ، غالجىرلىق كېسىلىدىن بەكمۇ قورقۇپ كەتمەسلىك بەكمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى