• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كۇۋالكومنىڭ CEOسى: ئالما بىلەن داۋالاشقان بولساقمۇ يەنە داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:29 27-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    كۇۋالكوم 24-سېنتەبر ئالما شىركىتىگە قارىتىلغان يېڭى ئەيىبنامىنى ئېلان قىلىپ، ئالما ئاساسىي بەلباغ ئۆزەك تېخنىكىمىزنى ئوغرىلاپ، ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلۋاغ ئۆزىكىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلىشىغا ئۆز مەيلىچە ياردەم قىلغان، دەپ ئەيىپلىگەن. ئالمىنىڭ باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «كۇۋالكوم تۆلەم تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئىسپاتى يوق.»

    كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتېۋ مالېنكوف زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «گەرچە ئىككى تەرەپ ھازىر قارشىلىشىش ھالىتىگە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ھەمكارلىقىمىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.» سىتېۋنىڭ بىلدۈرىشىچە، يېقىن كەلگۈسىدە ئالما يەنە بىر قېتىم كۇۋالكومنىڭ خېرىدارىغا ئايلىنىدىكەن.

    بۇ يىل ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى iPhoneىغا ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى قوللىنىلدى، بۇ كۇۋالكومغا نىسبەتەن ياخشى ئىش ھېسابلانمايدۇ. سىتېۋنىڭ بلۇمبېرگنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا چۈشەندۈرىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئىلغار تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياج سودا مۇناسىۋىتى ۋە ماجىرانى بېسىپ چۈشىدىكەن، خۇددى ھازىر كۇۋالكوم بىلەن ئالما ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئوخشاش.

    ئۇنىڭدىن ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم كۇۋالكومنىڭ خېرىدارى قىلىدىغان قىلمايدىغانلىقى سورالغاندا، سىتېۋ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە شۇنداق. مەن ئىزچىل شۇنداق قاراپ كەلدىمكى، ئەگەر سىزدە ئىلغار تېخنىكا بار بولسا، لىنىيە خەرىتىڭىز ئاخىرىدا شىركەتلەر ئارىسىدىكى كەسىپ مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قىلماسلىققا باھانىمىزمۇ يوق. مېنىڭچە كۇۋالكومنىڭ ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشتىنمۇ ياخشى پۇرسىتى ۋە ھەمكارلاشقۇچىسى يوق.»

    «ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى تېخنىكا سەركىسى كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدىكى مەھسۇلات سەركىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى كېرەك. ئۇ نەرسىلەر كۆپ ھاللاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. بىراق، بىزنىڭ كەسىپ تەپەككۇر شەكلىمىز شۇكى، ئەڭ ئاخىرىدا ماجرانى بايقايسىز ھەم يەنە بىر ئوخشاش بولمىغان مەزگىلگە كىرىسىز.» سىتىۋ ھازىرقى سودا ماجىراسىغا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە تۇتىدىكەن.

    تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالما شىركىتى تېخنىكا جەھەتتە يەنىلا كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ خېرىدارى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ يەنە داۋاملىق كۇۋالكومنىڭ ئۆزەك تېخنىكىسى سەپلەنگەن كونا ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋاتىدۇ، مەسىلەن، iPhone X ۋە iPhone 8 يۈرۈشلۈكى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى