• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىتالىيە بىرلەشمىسى 6-ئايلانما: ناپولى 0:3 پارما

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:28 27-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 27-كۈنى سەھەر سائەت 3:00دە 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە سان پاۋلو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ناپولى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بۇ يىل يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلىگەن پارما كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كوماندىسىدىن ئىنسېگنى بىر توپ كىرگۈزۈپ كوماندىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ناپولىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كوماندىسىدىن مىلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا، مىلىك يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئاخىرىدا ناپولى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن پارما كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

    مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى ناپولى كوماندىسى ئاكتىپلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئۈچ مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسىدىن ئىنسېگنى بىر توپ كىرگۈزۈپ،مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى،

    ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، مىلىكنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە ئوڭ تەرەپتىن ئوتتۇرىغا پاس تاشلىدى، پارما بېكى توپنى تېپەلمەي ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ قاپقا ئالدىدىلا توختىتىپ قويدى، ئىنسېگنى دەرھاللا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ناپولى 0:1 پارما.

    ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ناپولى كوماندىسى كۆپلىگەن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بەردى، نەتىجىدە ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ناپولىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت بولۇپلا ناپولى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئالاننىڭ ئۇدۇل پاس بېرىشى بىلەن مىلىك توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ، توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ناپولى 0:2 پارما.

    84 مىنۇت بولغاندا ناپولى كوماندىسى يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە غەلبىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن مۇقىملىدى، ناپولى كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللەپ، زاپاس ئەزالار قاتارىدا مەيدانغا چۈشكەن ۋېردى سول تەرەپتىن توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، ئورۇن ئېلىشقا ماھىر مىلىك قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ناپولى 0:3 پارما.

    كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ئۆزگۈرۈش بولمىدى، ئاخىرىدا ناپولى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن پارما كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە داۋاملىق يۇۋېنتۇسنىڭ كەينىدىن قوغلىماقتا.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى