• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    كاكا كەسپىي ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مونزاغا قوشۇلۇشى مۇمكىن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 15:23 27-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، AC مىلاننىڭ مەشھۇر توپچىسى كاكا مونزاغا قوشۇلۇپ بېرلوسكونى بىلەن قايتا ھەمكارلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مونزا ھازىر AC مىلانغا قاراپ تەرەققىي قىلىش ئالدىدا بولۇپ، AC مىلاننىڭ سابىق غوجايىنى بېرلوسكونى ئىتالىيە ئۈچىنچى دەرىجە بىرلەشمىسىدىكى بۇ كوماندىنى سېتىۋېلىش ئالدىدا تۇرغان، گاللىيانىمۇ بۇ كۇلۇبنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان، شۇڭا ئۇلار كوماندىغا قوشۇلۇپ توپ تېپەلەيدىغان AC مىلان مەشھۇر توپچىسىنى قوشۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن كاكا ئۇلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىغا ئايلانغان.

    ئىگىلىنىشىچە، ئەگەر كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان كاكا مونزاغا قوشۇلسا، ئۇنداق بۇ خەۋەر پۈتۈن ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنى زىلزىلىگە سالىدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى