• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شەرق شامىلى خوندا INSPIREنىڭ ئىچكى بېزەك سۈرىتى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:57 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    يېقىندا شەرق شامىلى خوندا ئورگان تەرەپ INSPIRE ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچكى بېزەك سۈرىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ئومۇمىي ئۇسلۇبى ئەڭ يېڭى ئاككوردا بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ، پەقەت خوت دەستىسى ئەتراپىدىكى ئىنچىكە ئورۇنلار تەڭشەلگەن، چوڭ رازمېرلىق لەيلىمە چەكمە ئېكران ماسلاشتۇرۇلغان. بۇرۇنقى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئاپتوموبىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى بازارغا سېلىنىدىكەن.

    سۈرەتتىن قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىل خوندا ئاككوردتىن پەرقلەنمەيدىغان بولۇپ، ئوخشاشلا ئۈچ شادىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول ئىشلىتىلگەن، ئۈستىدىكى فىزىكىلىق كۇنۇپكىلار خېلى كۆپ، مەركىزىي كونترول سۇپىسىغا بىر چوڭ رازمېرلىق لەيلىمە چەكمە كونترول ئېكرانى ئىشلىتىلگەن،ئاستىغا توغرىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان شامال چىقىرىش ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدىن باشقا كىچىك چەكمە كونترول تاختىسى ۋە ئۈچ دانە بۇرىما كۇنۇپكىدىن تەشكىل قىلىنغان بىر مەشغۇلات رايونى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    بۇ ئاپتوموبىلنىڭ خوت دەستىسى ئەتراپى ئاككوردتىن پەرقلىنىدۇ، بۇ ئاپتوموبىلغا ئېنىرگىيە تېجەش سىستېمىسى ۋە ھەيدەش ھالىتى ئىقتىدارى قوشۇلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئارقا رەتكە شامال چىقىرىش ئېغىزى ۋە ئىككى توك قاچىلاش چېتىلغۇ ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، بۇ ئەڭ يېڭى ئاككورد بىلەن بىر سۇپىدا ياسالغان ئەڭ يېڭى ئوتتۇرا ھال تىپلىق ئاپتوموبىل بولۇپ، شەرق شامىلى خوندا INSPIREنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى ئەڭ يېڭى ئاككوردنىڭ ئومۇمىي شەكلى ۋە لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان، ئەمما ئالدى يۈزى ۋە قۇيرۇق قىسمىغا خېلى چوڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن.

    ئالدى يۈزىگە ياپىلاق كىچىك سالاسۇن ئىشلىتىلىپ ئىككى ياندىكى چىراغ گۇرۇپپىسىدىكى پارقىرىمايدىغان كۈمۈش رەڭ بېزەك بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇىڭغا يەنە ئەڭ يېڭى LED چوڭ چىراغ ۋە ئالدى بىخەتەرلىك لىمىدىك چوڭ رازمېرلىق ھاۋا كىرىش ئېغىزى ماسلاشتۇرۇلغان،تەنھەرىكەت تۈسى قۇيۇق. قۇيرۇق قىسمىدا بۇ ئاپتوموبىل ئاككوردقا ئوخشايدىغان بولۇپ، شەكلى قايتىدىن تەكشەلگەن، تېخىمۇ ئۇزارتىلغان، گاز چىقىرىش تۇرۇبىسىغا ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان قوش گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئىشلىتىلگەن.

    ھەرىكەت كۈچىگە كەلسەك، نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلىنغان INSPIREقا L15BR تىپلىق 1.5Tلىق ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 194 ئات كۈچى، ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى ئاككورد بىلەن ئوخشاپ كېتىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ بۇرۇلۇش مومېنتى 260 نيۇتون مېتىر، ھەرىكەت ئۇزىتىش سىستېمىسىغا CVT دەرىجىسىز تېزلىك ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى