• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    توردا ئەڭ كۆپ مال سېتىۋالىدىغانلار ئەسلىدە

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:55 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ھازىر توردىن مال سېتىۋالىدىغان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە 50 ياشتىن يۇقىرى تاۋباۋ تيەنماۋ ئابونتىلا 30 مىليونغا يېقىنلىشىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغانلار ئاساسلىق بولۇپ، %75 نى ئىگىلەيدىكەن. مۇتەخەسىسلەر ياشانغان ئىستىمالچىلار توردا مال سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىشى، بولۇپمۇ ئىشەنچلىك مال سېتىۋىلىش تورىدىن، ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ياخشى باھا بېرىلگەن مال ساتقۇچىدىن مال سېتىۋېلىشى كېرەك دېدى.


    شۆ خانىم بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۈچ يىل بۇرۇن تورغا چىقىشنى ئۆگەنگەن، ئۇ ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭمۇ توردىن نەرسە سېتىۋالىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بالىسىدىن توردا مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىپ، تاۋباۋدىن توختىماي مال سېتىۋالىدىغان بولغان.

    شۆ خانىم مۇنداق دېدى: توردىن مال سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، تاۋباۋدىنلا سېتىۋالىدىغان بولدۇم، دۇكانغا بېرىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ئۇلار مالنى ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، ناھايىتى قولايلىق.

    شۆ خانىم يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، ھازىر توردىن مال سېتىۋېلىش ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى، ۋاقتى بولسىلا ياخشى كۆرگەن ياكى كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالاتتى، ئايدا توردىن ئاز بولغاندا نەچچە يۈز يۈەنلىك، كۆپ بولغاندا نەچچە مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋالاتتى.

    شۆ خانىم مۇنداق دېدى: ئادەتتە يىلدا توردا ئون مىڭ يۈەنلىك مال سېتىۋالىمەن، ئاساسلىقى ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى، كىيىملەرنى سېتىۋالىمەن. ئۆيدىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ كۆپ قىسمىنى توردىن سېتىۋالغان، ئادەتتە بىكار ۋاقتىمدا توردىكى دۇكانلارنى ئارىلايمەن، توردا مال سېتىۋالسا بەك قولايلىق.

    شۆ خانىمغا ئوخشاش توردا مال سېتىۋالىدىغان ياشانغانلار بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە ياشانغانلارغا نىسبەتەن توردا مال سېتىۋېلىش ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەسكەن، بەزىلەر مالنىڭ سۈپىتىدىن ئەنسىرەيدىكەن، بەزىلەر ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى ئىشلىتىشنى بىلمىگەچكە، مەشغۇلات قىلىشتا قىينىلىدىكەن.

    سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكەت بويىچە توردىن مال سېتىۋالىدىغان 50 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 ياشتىن 59 ياشقىچە بولغانلار %75 نى ئىگىلەيدىكەن. 2017-يىلى بۇ توپنىڭ توردىكى كىشى بېشى ئىستېمالى 5000 يۈەنگە يېقىنلاشقان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىرەيلەن 44 بۇيۇم سېتىۋالغان. جىڭدۇڭنىڭ «ياشانغانلارنىڭ 2017-يىللىق توردىكى ئىستېمال تەرەققىيات دوكلاتى» دا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جىڭدۇڭ تورىدىكى ياشانغان مال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىستېمال مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ،ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %78 ئاشقان.

    مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ ياشانغانلار ئىستېمالىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىشىدىكى سەۋەب پىسخىك جەھەتتىن ئېيتقاندا ياشانغانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئازلىغاچقا، بەزىدە يالغۇزلۇق ھېس قىلىدۇ، توردا مال سېتىۋېلىش بەزى يالغۇز ياشانغانلارغا قولايلىق يارىتىپ ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن. ياشانغانلار ئۆزى ياخشى كۆرۈپ توردىن سېتىۋالغان بۇيۇمدىنمۇ خۇشاللىق تاپالايدىكەن.

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: توردىكى ماللارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، لېكىن ھەممىسىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن، ياشانغان ئىستېمالچىلار توردىن مال سېتىۋالغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئىشەنچلىك مال سېتىۋېلىش تورىدىن، ئىشەنچلىك بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى ۋە ياخشى باھا بېرىلگەن مال ساتقۇچىدىن مال سېتىۋېلىشى كېرەك. ياشانغانلار توردىن مال سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈش، ئاندىن شۇ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، ماركىسى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل ئىگىلىشى، ئۈچىنچىدىن ئۆزىنىڭ ئىستېمال تەجرىبىسىگە ئاساسەن بەزى باھاسى تۆۋەن ياكى بىرنى سېتىۋالسا سوۋغا بېرىشتەك سودا ئۇسۇللىرىغا بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ئىلمىي ئىستېمال قىلىشى كېرەك.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى