• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    Apple Watch Series 4 تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:53 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئالما ئېلان قىلغان يېڭى بىر ئەۋلاد Apple Watch Series 4دە FDAنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەن يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچەش ئىقتىدارى بار، گەرچە بۇ ئىقتىدار Apple Watch Series 4نىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن تەڭ ئېلان قىلىنسىمۇ، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالما كۈچەيتىپ لايىھەلىگەن قوش سېنزور سىستېمىسى تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق ئىقتىدارىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Apple Watch Series 4نىڭ يۈرەك دالانچىسىنىڭ تالالىق تىترىشىگە بولغان توغرىلىق دەرىجىسى %98تىن ئاشىدىكەن، بىر خىل داۋالاش بۇيۇمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالما ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى ھەقىقەتەن يۈرەك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە رولىنى جارى قىلدى.

    بۈگۈن، يېڭى دوكلاتتا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىلىشىچە، Apple Watch ناھايىتى تېزلا قان بېسىمىنى ئۆلچەشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جەريان 3D Touch ياكى Force Touch تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

    قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئادەتتە تۇرمۇشتىكى ئىنتايىن نورمال ساغلاملىقنى ئۆزىنى تەكشۈرۈش ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئائىلىدە يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارى ياكى ياشانغانلار بار ئەھۋالدا، بىر قان بېسىم ئۆلچىگۈچنىڭ بولۇشى ھەيران قالارلىق ئىش ھېسابلانمايدۇ. ۋال كوچىسى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بارماق ئارقىلىق قان بېسىمىنى ئۆلچەش ئۇسۇلى 3D Touchنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىگە ئوخشايدىكەن، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىرقى باسقۇچتا ئالما يانفونىغا سەپلەنگەن ئوپتىكىلىق ۋە تىك سېزىم سېنزورى بارماقنى بېسىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ قان بېسىمىنى ئۆلچەشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىكەن.

    مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوكتورى راماكرىشنا مۇكامالا باشچىلىقىدىكى تەتقىقات ئەترىتى بىر خىل iPhone ئەپىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، ئابۇنىتلارنىڭ بارمىقىنى بېسىش ئارقىلىق قان بېسىمىنى ئۆلچىشىگە يېتەكچىلىك قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۆلچەش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئەنئەنىۋى قان بېسىم ئۆلچىگۈچكە قارىغاندا يېتەرسىز بولسىمۇ، لېكىن دوكتۇر راماكرىشنا مۇكامالا تەتقىقاتنىڭ داۋاملىق چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مېدىتسىنادىكى بارماق ئۇچى ياكى بارماق قىسقۇچ ئارقىلىق بېسىم ئۆلچەش بىلەن ئوخشاش توغرىلىق دەرىجىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، Apple Watchقا قوللىنىلغان Force Touchمۇ قان بېسىمى كۆرسەتكۈچىنى ئوقۇيالايدىكەن.

    ئالما ئەزەلدىن كىرگۈزۈلمەيدىغان ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ يۈرەك بىلەن قاننى ئۆلچەپ، Apple Watch ئارقىلىق داۋالاش بازىرىغا كىرىشتىن ۋاز كەچمىگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئالمىنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق قان شېكىرىنى ئۆلچەشنى تەتقىق قىلىپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا ياردەم قىلماقچى ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلىنغان. لېكىن ھازىرغىچە ھەرقانداق ئۈسكۈنە تېرە بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىر قەدەر توغرا قان شېكىرى سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ، شۇڭا ئالمىنىڭ بۇ نىشانىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن يەنە ۋاقىت ۋە ئىلمىي دەلىللەر كېرەك بولىدۇ.

    Apple Watch Series 4 ساغلاملىق جەھەتتە بىر قەدەم ئىلگىرىلىدى، ئۇ بارا-بارا ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارىنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ، ئالمىنىڭ مۇددىئاسى دەل تىرىشىپ Apple Watchنى تېخىمۇ شەخسلەشكەن ساغلاملىق غوجىدارىغا ئايلاندۇرۇش، بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەلۇم ئالاھىدە كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ساغلاملىق سىگنالى بېرىش ئىقتىدارىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىشىنىمىزكى تېخىمۇ كۆپ ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى