• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مىباپپې چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقاندىن بۇيان تۆت توپچىلا ئۇنىڭدىن كۆپ توپ كىرگۈزگەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:52 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا پارىژ سانت گېرمان مېھمان مەيداندا 3:2 نەتىجە بىلەن لىۋېرپولغا ئۇتتۇردى. گەرچە فىرمىنو ئاخىرقى پەيتتە بىر توپ كىرگۈزۈپ لىۋېرپولنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىن بۇرۇن مىباپپېنىڭ كىرگۈزگەن توپى نومۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرۈپ پارىژ سانت گېرمانغا ئۈمىد ئاتا قىلغان بولۇپ، بۇ مىبابپپېنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن 11-توپى ھېسابلىنىدۇ. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، مىباپپې 2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتناشقاندىن بۇيان، پەقەت تۆت توپچىلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مەيدانىدا ئۇنىڭدىن كۆپ توپ كىرگۈزگەن.

    بۇ تۆت توپچى كىرىستىيانو رونالدو (27 توپ)، مېسسى (20 توپ)، كاۋانى (15 توپ) ۋە لېۋاندوۋىسكى (13 توپ) بولۇپ، تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ تۆت توپچىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىك بولغان لېۋاندوۋىسكىمۇ 30 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مىباپپېدىن 10 ياش چوڭ ھېسابلىنىدۇ،1998-يىلى تۇغۇلغان مىباپپې تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن بولۇپ، لېكىن ئۇ ھازىر دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك توپچىلار قاتارىغا كىرىپ بولدى.

    پارىژ سانت گېرمان بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا بەش قېتىم غەلىبە قىلغان بولۇپ، لېكىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە لىۋېرپولغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. گەرچە ئۇلار تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كۆپ پۇرسىتى بار بولۇپ، مىباپپېمۇ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەندىن كېيىن كۇلۇبتىكى ئەڭ چوڭ شەرەپلەرگە ئىنتىلمەكتە، ئۇلار كېيىنكى ئايلانمىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى