• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى تۇغما ئېرىنچەك ئىكەن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:49 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر كىشى چېنىقىش ئۆيىگە بېرىش پۇرسىتى بار ۋاقىتتا ياكى ساغادا يېتىپ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈۋاتقاندا، ئاشۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى كۆرۈۋاتقان كىشىنىڭ چېنىقىشقا بارمىقى ناھايىتى مۈشكۈل ئىكەن. ھالبۇكى، ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولومبىيە داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ھۇرۇنلۇق تۇغما بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. Matthieu Boisgontier بىلەن باشقا خىزمەتداشلىرى كىشىلەرنىڭ بۇرۇنقىدىن ئاز چېنىقىشىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلغان.

    ھەممىمىزگە ئايان، چېنىقىش بىلەن تەنھەرىكەت ساغلاملىقنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنى سافادىن يۆتكەشكە ئامالسىز.

    ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى بۇنىڭ كەينىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بىر ئادەم ھۇرۇنلۇق ھالىتىدىن ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتكەندە، چوڭ مېڭە تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك ئىكەن.

    ئەمەلىيەتتە بۇ ئالىملارنىڭ ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ تۇغما ئېرىنچەك ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم بايقىشى ئەمەس، لوندون داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسى بەلكىم ئۇنى ئالداپ، ئۇنى ئاز تىرىشچانلىقنىڭ كۆپ تىرىشچانلىققا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدىكەن، بۇنداق خاھىشقا بۇ خىل خاھىشنى باشتىن كەچۈرگەنلەر سەل قارايدىكەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى