• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مېسسى يەنىلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:47 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»نىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى 10-ئايدىكى ئارگېنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ برازىلىيە كوماندىسى ۋە سەئۇدى كوماندىسى بىلەن چۈشىدىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىكەن، گەرچە تېخى ئورگان تورى بۇ توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ،بىراق مېسسى قارار قىلىپ بولغان.

    مېسسى بۇ يىل 9-ئايدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئىككى مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىگە قاتناشمىدى، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مېسسى بارلىق زېھنىنى بارسېلونا كوماندىسىغا قاراتماقچى بولغان. ئارگېنتىنا پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى مېسسىنىڭ 10-ئايدىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدى، بىراق ئۇلار يەنىلا كېلەر قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسىدە مېسسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    10-ئاينىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ بارسېلونانىڭ مۇسابىقىسى ئىنتايىن كۆپ، ئۇلار ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ۋە ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە ئالدى-كەينى بولۇپ سېۋىللا، خەلقئارا مىلان، خانلىق مادرىد قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار مۇسابىقىگە چۈشىدۇ، مېسسىمۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى ساقلاپ قالماقچى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى