• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچ: خانلىق مادرىد vs رىم مۇسابىقىسىگە نەزەر

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:46 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 3:00تە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا رىمنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ خانلىق مادرىدنىڭ كىرىستىيانو رونالدودىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى ھەمدە لوپېتېگۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇلار بىر مەيدان غەلىبە بىلەن بۇ مۇھىم پەيتنى خاتىرىلەشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، بېل، بېنزېما ۋە ئاسېنسىئودىن تەركىب تاپقان خانلىق مادرىد ھۇجۇم سېپى بۇ مۇسابىقىدە خانلىق مادرىدنىڭ يېڭى ھۇجۇم سېپىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا تەقەززا بولماقتا.

    مۇسابىقە خاراكتېرى: 2018/2019-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا باسقۇچىن تۇنجى ئايلانمىسى

    مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەر سائەت 3:00

    بۇ مۇسابىقىدىكى كۆرۈش نۇقتىلىرى:

    1. لوپېتېگۇنىڭ خانلىق مادرىدتىكى تۇنجى مەيدان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى

    خانلىق مادرىد ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە 0:3 نەتىجە بىلەن لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشتەك شانلىق نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن، تۆھپىكار باش ترېنېر زىدانى تېزلا خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى لوپېتېگۇ چىققان. خانلىق مادرىد ئىسپانىيەلىك بۇ ترېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، تۆت ئايلانما بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلىپ بىر قېتىم تەڭلەشكەن. گەرچە ئۇلار ئالدىنقى ئايلانمىدا بىلباۋ ئاتلېتكا بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ھازىر بارسېلونادىن ئىككى نومۇر تۆۋەن قىلىپ بىرلەشمىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.

    2. كىرىستىيانو رونالدودىن كېيىنكى خانلىق مادرىدنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىكى ھۇجۇمى قانداق بولىدۇ؟

    كىرىستىيانو رونالدو خانلىق مادرىدتىكى 438 مەيدان مۇسابىقىدە 450 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە 105 توپ كىرگۈزگەن، كوماندا تارىخىدا رېكورت يارىتىپلا قالماي، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مەرگەنلەر تىزىملىكىدىمۇ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. خانلىق مادرىدقا نىسبەتەن، كىرىستىيانو رونالدونىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى ئۇلارنىڭ ھۇجۇم سېپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كىرىستىيانو رونالدونىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ھۇجۇم بوشلۇقىنى قانداق تولدۇرۇش ھازىرقى ئەڭ چوڭ كۆرۈش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بۇاين بېل، بېنزېما قاتارلىق توپچىلار يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدىمۇ يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى ساقلاپ قېلىش-قالالماسلىقى مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

    3. رىم ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

    رىمنىڭ ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالدىنقى تۆت ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۇلار تۇنجى ئايلانمىدا 0:1 نەتىجە بىلەن تورىننى مەغلۇپ قىلىپ غەلىبىگە ئېرىشكەن، لېكىن ئارقىدىن ئاتلانتا ۋە چېۋو بىلەن تەڭلەشكەن ھەمدە 2:1 نەتىجە بىلەن AC مىلانغا ئۇتتۇرغان. ئۇلار ھازىر بىرلەشمىدە بەش نومۇر بىلەن توققۇزىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ باقمىغان، شۇڭا ئۇلار ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە ئەمەلىي كۈچى زور بولغان خانلىق مادرىدقا يۈزلەنگەندە،ھازىرقىدەك ناچار ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلماقتا.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى