• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:44 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بالىلاردىكى تۆمۈر كەملىكنىڭ قانداق تەسىرى بار؟

    تۆمۈر ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ئىلمىنېت بولۇپ، تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىدىغان بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۆمۈرگە بولغان تەلىپى شۇنچە ئاشىدۇ. ئەگەر تۆمۈر كەم بولسا ئاسانلا تۆمۈر كەملىكتىن پەيدا بولىدىغان قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ. بۇ بەلگىلىك دەرىجىدە بالىلارنىڭ بەدەن تەرەققىياتى، ئىمۇنىتېت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېغىر بولغاندا يەنە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، بالىلاردىكى ھەرىكەت قولاشماسلىق، غەيرىيلىشىش ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەتراپىدىكى مۇھىتقا بولغان ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ،بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا يۈرەك كېسىلى ياكى يۈرەك ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلىدۇ.

    ئوخشىمىغان ياش باسقۇچىدىكى بالىلارغا تۆمۈرنى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

    ئالتە ئايلىقتىكى بالىلارغا ئادەتتە تۆمۈر تولۇقلاش ھاجەتسىز.

    ئالتە ئايلىقتىكى بالىلار ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىلىۋاتقان بولسا، ئانا سۈتىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى ئاساسەن بالىنى ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، شۇنداقلا ئانا سۈتىدىكى تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى %50كە يېتىدۇ، بۇ كالا سۈتى قاتارلىق سۈت تۈرىدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا سۈمۈرۈلۈش نىسبىتى تولىمۇ يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلاردا تۆمۈر كەملىكتىن پەيدا بولىدىغان قان ئازلىق ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ. بەزى بالىلار تۇغۇلۇپ بىر ھەپتىدىن ئۈچ ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا يىنىك دەرىجىدىكى قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ ۋاقتىنچە نورمال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولۇپ قالىدىغان فىزىئولوگىيەلىك جەھەتتىكى قان ئازلىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالغا ئادەتتە ئاتايىتەن تۆمۈر تولۇقلاش ھاجەتسىز.

    ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بالىلار تەركىبىدە تۆمۈر بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشى كېرەك.

    ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بالىلارغا قوشۇمچە يېمەكلىك بېرىشكە بولىدۇ. مەسىلەن تەركىبىدە تۆمۈر بولغان گۈرۈچ بۇلمىقى بېرىش بىلەن بىرگە يەنە گۆش، تۇخۇم سېرىقى، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلارنى بەرسىمۇ بولىدۇ. تۆمۈرنىڭ تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن، بالىلارغا بۇ يېمەكلىكلەرنى بېرىش بىلەن بىرگە، يەنە تەركىبىدە ئاقسىل، سۈت قەنتى، ۋىتامىنلار بار بولغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش كېرەك.

    ئەگەر بالىدا قان ئازلىققا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر مەسىلەن، چىرايى سارغىيىش، تېرە قۇرغاقلىشىش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە لېۋى سۇس قىزىل ياكى ئاقىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۆمۈر تولۇقلاش كېرەك. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، تۆمۈر تولۇقلىغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر زىيادە تولۇقلىۋەتكەندە كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش، ئىشتىھا تۇراقسىزلىشىش، قورساق ئاغرىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يەنە باش قېيىش، ئاغرىش، يۈرەك سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. تېخىمۇ ئېغىر بولغاندا، بۆرەك-جىگەر ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى