• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭىدىن تاماكا تاشلىغانلار قان شېكىرىگە دىققەت قىلىشى كېرەك

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:42 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ئامېرىكا خارۋاد داشۆسى ئاممىۋى سەھىيە شۆيۈەنى ئوزۇقلۇق شىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى 171 مىڭ كىشىنىڭ تاماكا چېكىش ھالىتى ۋە ئېغىرلىق ئۆزگىرىشى ئۈستىدە 19 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار 2~6 يىلغىچە تاماكا تاشلىغانلار، يېقىندا تاماكا تاشلىغانلار دەپ ئايرىلغان. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئېغىرلىقىدا ئۆزگىرىش بولغانلارنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇرى كېسەللىكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش ۋە باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى يۇقىرى بولغان.

    تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا تاماكا تاشلىغانلارنىڭ 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى نۆۋەتتە تاماكا چېكىۋاتقانلارنىڭكىدىن %22 يۇقىرى بولغان، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ئېغىرلىق ئاشقانسېرى 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولغان. بۇ خەتەر تاماكا تاشلاپ 5-7 يىلغىچە بولغاندا تۆۋەنلەيدىغان بولۇپ، تاماكا تاشلاپ 30 يىل بولغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.

    «يېڭى ئېنگىلاند مېدىتسىنا ژۇرنىلى»دىكى بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا تاشلىغۇچىلار ساغلام يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەككەن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى