• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    شياۋمى خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ ئاق رەڭلىك ياشلىق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 17:38 19-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    شياۋمى 8نىڭ ياشلىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شياۋمى شىركىتىنىڭ لىدىرى لىن بىن شياۋمى خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ ئاق رەڭلىك ياشلىق نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، سېتىلىش باھاسى 4599 يۈەن ئىكەن، بۇ خاتىرە كومپيۇتېرنىڭ قارا رەڭلىك نۇسخىسى بۇنىڭدىن بۇرۇن سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قارا رەڭلىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئاق رەڭلىك خاتىرە كومپيۇتېر تېخىمۇ كۆركەم ئىكەن.

    شياۋمى خاتىرە كومپيۇتېرىنىڭ ياشلىق نۇسخىسىغا ئىنتېلنىڭ سەككىزىنچى ئەۋلاد كور i5 بىر تەرەپ قىلغۇچى، 8GBلىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 128GBلىق SSD ۋە 1TBلىق HDD سەپلىنىدىكەن. كۆرسىتىش كارتىسى 2GBلىق MX110 ئىكەن. ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى يەنىلا قوش شامالدۇرغۇچلۇق ئىسسىقلىق تارقىتىش سىستېمىسى ئىكەن. شياۋمى خاتىرە كومپيۇتېرى Pro بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ياشلىق نۇسخىسىنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ باشقا يەنە مۇستەقىل كىچىك كۇنۇپكا تاختىسىمۇ بار.

    بۇ خاتىرە كومپيۇتېرنى خاتىرە كومپيۇتېرى Proنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئىككىسىنىڭ باھا پەرقى 1000 يۈەن بولۇپ، مۇستەقىل كۆرسىتىش كارتىسىغا چوڭ تەلەپ قويمايدىغان ئابۇنىتلارغا نىسبەتەن ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئاق رەڭلىك نۇسخىسىغا قىزلار بەكرەك قىزىقىشى مۇمكىن.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى