• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گەيتىس فوندى: ئەڭ نامرات رايونلاردا نوپۇس تېز ئاشقانلىقتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلاشتى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:22 18-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    GeekWire تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1990-يىلدىن بۇيان دۇنيادىكى ئېغىر نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن چەكتە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى %36 تىن %9كە تۆۋەنلىگەن، بۇ بىر چوڭ نەتىجە. ئەمما پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇس ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش جەھەتتىكى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ بىل ۋە مىراندا گەيتىس فوندى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خۇلاسە. بۇ فوند ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 18 دۆلەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىدىكى ھالقىلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئانالىز قىلغان.

    بۇ دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «نەچچە ئون يىلدىن بۇيان نامراتلىق ۋە كېسەللىكلەرنى يوقىتىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئەمدى بىر ئىزدا توختاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولسا دۇنيادىكى ئەڭ نامرات رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باشقا رايونلاردىكى نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرىتىدىن تېز بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپلىگەن بوۋاقلار ساغلام ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولمايدىغان رايونلاردا دۇنياغا كەلمەكتە. ئەگەر نۆۋەتتىكى ئەھۋال ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسا، دۇنيادىكى نامرات كىشىلەرنىڭ سانى ئازايمايلا قالماستىن، ھەتتا كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلىنىشى مۇمكىن».

    بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا 2050- يىلىغا بارغاندا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى %86 كىشى ئېغىر نامراتلىق ئىچىدە ياشايدىكەن. بېل گەيتىس مۇنداق دەپ يازىدۇ: «خۇلاسە ناھايىتى ئېنىق، ئىنسانىيەتنىڭ بۇ نامراتلىق ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز بولسا جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان ئەڭ نامرات دۆلەتلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش».


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى