• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    زىمبابۋىدا يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ 3000 ئادەمگە خولېرا ۋىرۇسى يۇقۇپ قالدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 20:19 18-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    BBC ئاخبارات تورىنىڭ 18-سېنتەبردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا زىمبابۋىدا 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر خولېرا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئېغىر خولېرا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە 30 ئادەم قازا قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 3000 دىن ئېشىپ كەتكەن.

    بۇ قېتىمقى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى زىمبابۋىنىڭ پايتەختى ھارارىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يەر ئاستى سۇ تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ يەر ئاستى سۈيى ۋە ئاھالىلەر ئىچىملىك سۈيى بۇلغىنىپ، نۇرغۇن ئادەملەر بۇلغانغان سۇنى ئىچكەندىن كېيىن خولېرا كېسىلى يۇقۇپ قېلىپ، ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن، ھەتتا بەزىلىرى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

    خولېرا بولسا يامان خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە توختىماي قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ سۇسىزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ.

    يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن بىر ئورۇننى تەييارلىغان بولۇپ، بۇ جايدىكى كارىۋاتلارنىڭ ئاستىغا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قۇسۇشى ئۈچۈن داس، چېلەك قاتارلىق نەرسىلەر قويۇپ قويۇلغان.

    زىمبابۋى سەھىيە مىنىستىرى تاراتقۇلارغا نەچچە ئاي ئىلگىرى بىر دوكلاتتا يەر ئاستى سۇ يولى توسۇلۇپ قالغانلىقى دېيىلگەن بولسىمۇ، بىراق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىزچىل ئوڭشىمىغانلىقىنى ئېيتقان.

    بىر يەرلىك ئاھالە ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى تۆت جاننىڭ ھەممىسىنىڭ بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ ئىچكەندە بۇ كېسەلنى يۇقتۇرىۋالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ پاكىز بولغان ئىچىملىك سۈيىگە ئېرىشكۈسى بارلىقىنى ئېيتقان.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى