• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    يېڭى iPhone ئامېرىكىدا چەكلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 18:11 18-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتى (ITC) تۈنۈگۈن ۋاشىنگىتون ئالاھىدە رايونىدا ئالما بىلەن كۇۋالكوم ئارىسىدىكى پاتېنت داۋاسىغا ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىققان. ئىككى شىركەت ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئامېرىكا بازىرىغا بىر نەچچە خىل يېڭى iPhone مەھسۇلاتىنى ئىمپورت قىلىشنى مەنئى قىلىش كېرەكمۇ يوق؟» دېگەن تېمىغا مەركەزلەشكەن. بۇ يىل ئىيۇندا ئاخىرلاشقان بىرىنچى سوتتا ITCنىڭ ئادۋوكاتى سوتچىغا ئالما ھېچ بولمىغاندا كۇۋالكومنىڭ بىر تۈرلۈك توك تېجەش پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ بېكىتىش ھەم قىسمەن ئىنتېل ئۆزىكى سەپلەنگەن يانفوننىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى مەنئى قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

    ئىگىلىنىشىچە، كۇۋالكوم سودا كومىتېتىغا دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلبىغى سەپلەنگەن iPhoneنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بۇ يېڭى iPhone XS، iPhone XS Maxنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. سەۋەبىگە كەلسەك، كۇۋالكومنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلبىغى سەپلەنگەن iPhoneلار ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپتۇ.

    مەلۇم بولۇشىچە، تۈنۈگۈنكى سوت ئۈچ پاتېنتقا چېتىشلىق بولۇپ، ئىككى پاتېنت ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلبەغ بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ سىمسىز سىگنالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، يەنە بىر پاتېنت ئالما يانفونىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچى قانداق قىلىپ ئۈسكۈنىنى «ئۇيقۇ ھالىتىگە» كىرگۈزىدۇ، دېگەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

    ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئالما بىلەن كۇۋالكوم ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە كۆپ قېتىم دەۋالشىپ، قارشى تەرەپنى پاتېنت ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەرز قىلغان. ئالمىنىڭ قارىشىچە، كۇۋالكوم ئادىل بولمىغان ئۇسۇل ئارقىلىق پاتېنت ھەققى ئالغان بولۇپ، كۇۋالكوم پەقەت ئاساسىي بەلبەغ بىر تەرەپ قىلغۇچىنىڭ باھاسى بويىچە پاتېنت ھەققى ئېلىشى كېرەك ئىكەن.

    ITCنىڭ ئالاقىدار ئادۋوكاتىنىڭ قارىشىچە، سوت ئالما ئاز دېگەندىمۇ كۇۋالكومنىڭ بىر تۈرلۈك توك تېجەش پاتېنتىغا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەك ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنتېل ئۆزىكى ئىشلىتىلگەن ئالما يانفونلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىمۇ چەكلەش كېرەك ئىكەن. لېكىن ئادۋوكاتىنىڭ قارىشىچە، 5G ئۆزەك بازىرىدىكى ئادىل رىقابەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالمىنىڭ 5G ئاساسىي بەلبەغ بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفونلىرى ئامېرىكا بازىرىغا كىرسە بولىدىكەن.

    ITCنىڭ بۇ دەۋاسىدا ITCنىڭ ئادۋوكاتى ئۈچىنچى تەرەپلىك رولىنى ئۆتىگەن بولۇپ، گەرچە ئادۋوكاتنىڭ تەكلىپىنىڭ چەكلەشچانلىقى بولمىسىمۇ، لېكىن سوتچى كۆپ ھاللاردا ئادۋوكاتنىڭ تەكلىپىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ ئاينىڭ ئاخىرى، سوت مەھكىمىسى ITCنىڭ بىرىنچى ئەرزىگە ھۆكۈم ئېلان قىلىدۇ.

    مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، ئالمىنىڭ ئەمدىلا ئېلان قىلغان يېڭى مەھسۇلاتى مەنئىي قىلىنارمۇ؟

    ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغىنى شۇكى، ئامېرىكىداiPhone نىڭ سېتىلىشىنى چەكلەش ئالمىغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئوسال بىر ھۆكۈم ھېسابلىنىدۇ، بىراق ئالما كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق نارازىلىق ئەرزى سۇنالايدۇ، بۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    يەنە بىر تەرەپتىن، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ITC چىقارغان مەھسۇلات سېتىشنى چەكلەش بۇيرۇقى ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئەگەر ئالما كۇۋالكومنىڭ پاتېنت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان بولسا، ئالما ئالاقىدار پاتېنتنى ئەگىپ ئۆتۈپ مەھسۇلاتىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلەيدىكەن.

    ئۇندىن باشقا، ئالما بىلەن كۇۋالكوم ئارىسىدىكى پاتېنت ماجىراسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالما كۇۋالكومنىڭ ئاساسىي بەلباغ بىر تەرەپ قىلغۇچىغا بولغان بېقىنىشنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ. ئىيۇلدا، كۇۋالكومنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىنىڭ پايچىلارغا بىلدۈرىشىچە، ئالما بۇ يىلقى يېڭى يانفونىغا كۇۋالكومنىڭ ئۆزىكىنى ئىشلەتمەيدىكەن. بۇ ئالمىنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتېل شىركىتىنىڭ ئۆزىكىگە تېخىمۇ كۆپ تايىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن ساھەدە، ئىنتېلنىڭ ئاساسىي بەلبىغى تېخنىكا جەھەتتە كۇۋالكومدىن ئاجىز، دەپ قارىلىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى