• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    مۇھەببىتىڭىزدىن ئايرىلغاندا مۇنداق قىلىڭ

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:12 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    1.ئىككى ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلاشماڭ. ئەگەر قارشى تەرەپ ئاۋۋال سىزنى ئىزدىسە، گەپ-سۆزىڭىزنى قىسقا قىلىپلا خوشلىشىڭ، ئاراڭلاردىكى مەسىلىنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنىڭغا قايتا تەكىتلەپمۇ يۈرمەڭ، ئاغرىنماڭ.

    2.ئەگەر قارشى تەرەپكە دەيدىغان يەنە نۇرغۇن گەپلىرىڭىزنىڭ بارلىقىنى بايقىغىنىڭىزدا، خاتىرە دەپتەردىن بىرنى سېتىۋىلىپ، نېمىنى ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى خاتىرىلەپ چىقىڭ. كونىۋېرتقا ئىسىم-فامىلە ۋە ئادرېسلارنى يېزىپ بولسىڭىزمۇ ھەرگىز ئۇنىڭغا ئەۋەتمەڭ، بۇ پەقەت كۆز-قارىشىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىزنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى خالاس. ھامان بىر كۈنى سىز ئۇنىڭغا ئەينى چاغدا قارىشىڭىزنى ئېيتمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن خوشال بولىسڭىز.

    3.قارشى تەرەپنىڭ سىز بىلەن بىرگە شۇنچە ئۇزاق بىرگە بولغانلىقىغا، سىز بىلەن شۇنچە كۆپ خوشاللىقلارنى ئورتاق بەھرىلەنگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىشنى ئۇنتۇماڭ، شۇنداقلا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ بەختلىك بولۇشىنى تىلەڭ.

    4.ھەرگىزمۇ ئۆز-ئۆزىڭىزگە ياكى دوستىڭىزغا ئاراڭلاردىكى مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا كوتۇلداپ يۈرمەڭ. ئۇزاق مەزگىل ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىزلىك ياكى پاسسىپ كەيپىياتقا باغلىنىش سالامەتلىككە پايدىسىز. ئەگەر دوستىڭىز بىلەن بىرگە بولسىڭىز كىشىگە ئاكتىپ ئېنېرگىيە بېغىشلايدىغان ياكى يېڭىلىققا ئىگە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئۆزىڭىزنى ئالدىراشچىلىققا كۆندۈرۈڭ.

    5.دىققەت ئېتىبارىڭىزنى يېڭى تۇرمۇشىڭىزغا يۆتكىگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزگە يېڭى چىقىش يولى بەرگەن، شۇنداقلا يېڭىچە تۇرمۇشقا قەدەم قويغان بولىسىز. يېڭىچە تۇرمۇش قانداق بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان ئەمما قىلالمىغان ئىشلىرىڭىزنى قىلالايسىز، ئىلگىرىكى مۇھەببىتىڭىز بىلەن بولۇپ كېتىپ، بىجىرىشكە تېگىشلىك ئىشلارغا ۋاقتىڭىز چىقمىغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئالدىرىماي پۈتتۈرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.

    6.بۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەت سەپىرىڭىزدە ئۆزىڭىزدىمۇ مەسئۇلىيەت بارلىقىنى ئېتېراپ قىلىڭ. چۈنكى مۇھەببەتلىشىش قوش يۆنىلىشلىك بولىدۇ، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلغانلىقىڭىز، قارشى تەرەپنىڭ نېمىلەرنى قىلمىغانلىقىغا ئاغرىنماڭ. ئۆزىڭىزگە قايسى تىپتىكى لايىقنىڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئالدىرماي مۇلاھىزە قىلىڭ.

    7.ئەگەر قارشى تەرەپ ھەر ئىككىلا تەرەپكە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىپ يارىشىۋېلىشنى تەلەپ قىلسا، ئاغزىدىن چىقىپ بولغۇچە ماقۇل دېمەڭ. چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن ئەينى چاغدىكى مەسىلىلەرنىڭ تولۇق ھەل قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى ئوبدان ئويلىنىڭ. ئەگەر ئۇ مەسىلىلەر ھېلىھەم مەۋجۇد بولسا، ئۇنداقتا يارىشىۋالغاندىن كېيىنمۇ ئايرىلىپ كېتىشكە يۈزلىنىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇد بولىدۇ.

    8.ئەگەر قارشى تەرەپ يېڭى لايىق تاپقان بولسا، ئامال بار ئۇلارغا ئارىلىشىۋالماڭ، قارشى تەرەپنىڭ ئاللىقاچان باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلىشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئۇ ئىزدىگەن لايىق ئەمەسلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، سىز ئىزدىمەكچى بولغان لايىق سىزنى تېخىچە كۈتۈۋاتىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى