• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    12 نەپەر كورېيەلىك ئەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن قېچىش ئۈچۈن «قاتتىق سەمرىش» ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:09 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    كورىيەدە، ئومۇمەن يېشى 20 ياشتىن 28 ياشقىچە بولغان ئەر پۇقرالار چوقۇم ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كېرەك، شۇڭا ھەر يىلى بەزىلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاجايىپ-غارايىپ چارىلەرنى ئويلاپ چىقىدۇ.

    ئۇنىۋېرسال چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 12-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا، كورېيە سېئۇل ئۇنىۋېرسىتېتى مۇزىكا كەسپىنىڭ 12 نەپەر ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىسى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن «سەمرىش» ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىققان. بۇ ئىش پاش بولۇپ قالغاچقا، 12 نەپەر ئوقۇغۇچى قايتىدىن مەجبۇرىي ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشكە بۇيرۇلىشى مۇمكىن.


    كورىيە «ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش قانۇنى»غا ئاساسەن 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان بارلىق كورېيەلىك ئەرلەر چوقۇم ھەربىي قىسىمدا ئاز دېگەندە 21 ئاي ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كېرەك. ئەمما بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ياكى بەدەن ئېغىرلىقى ئۆلچەمگە توشمىغان، كېسەل ياكى مېيىپ كىشىلەر، شۇنداقلا جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقان كىشىلەرنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ياكى مەھەللە خىزمىتىگە تەقسىم قىلىنىدۇ.

    بۇ 12 نەپەر ئەر قانۇندىكى بۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىشنى ئويلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈندە ئاز دېگەندىمۇ بەش قېتىم ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى يېگەن، مەسىلەن، پىسسا ۋە ھامبۇرگ بولكىسى دېگەندەك. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئالتە ئاي ئىچىدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 30 كىلوگىرام سەمىرىگەن.

    پەقەت بۇلارلا ئەمەس، بۇ 12 ئوقۇغۇچى يەنە بىر پاراڭلىشىش توپى قۇرۇپ، ھەر ۋاقىت ئۆزلىرىنىڭ سەمرىش ئۇسۇلىنى ۋە نەتىجىسىنى ھەمبەھىرلىگەن. بەزىلەر توپتا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگۈچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى ئاقسىللىق سۈت ئىستېمال قىلىش، تەركىبىدە زور مىقداردا ئالۇي مېۋىسى بولغان مېۋە شەربىتى ئىچىش ئارقىلىق بەدەن ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن.

    كورېيە ھەربىي ئىشلار ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: «بۇ كىشىلەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان پىلان ئىچىگە تەقسىم قىلىنىشنى ئۈمىد قىلغان، بۇنداق بولغاندا ئۇلار مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كۆڭۈل ئېچىشقا ۋاقتى چىقىدۇ.».

    ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن قىچىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 12 ئادەم ئىچىدە ئىككىسى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان پىلاننى تاماملىغان، تۆتى يەنىلا مەھەللە مەركىزىدە خىزمەت قىلغان، قالغان ئالتىسى قىسىمغا كىرمىگەن.

    ئەگەر ئۇلارنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، 12 ئادەم قايتىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ھەمدە ھەربىي قىسىمدا ئىككى يىل ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەيدۇ، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولىدىغان پىلاننى تاماملىغان ئىككەيلەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ھەر يىلى مەجبۇرىي ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى قاچىدىغان كورېيەلىك ئەرلەر ئاز ئەمەس، ئۇلار ھەمىشە كاللا قاتۇرۇپ ھەر خىل ئاماللارنى ئويلاپ چىقىپ سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمەسلىكنى ئويلايدۇ. بۇ يىل 3-ئايدا كورېيەلىك بىر ئەر ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشتىن قىچىش ئۈچۈن،بەدەن ئېغىرلىقى 59 كىلوگىرام سەمرىتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈرمىگە كىرگىلى تاس قالغان.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى