• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    رۇسىيەنىڭ ئەڭ نادىر بەش فىلىمى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:03 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    «ئاۋازسىز گۇۋاھلىق سۆزى» (无声言证). بۇ فىلىم 1995-يىلى قويۇلغان بولۇپ، گەرچە بۇ 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى كونا فىلىم بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم ناھايتى نادىر فىلىم ھېسابلىنىدۇ. فىلىمدە گۈزەل جابدۇق ئۇستىسى بىلى بىر گاچا قىز، مەلۇم بىر كۈنى ئۇ فىلىم مەيدانىدا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقاندا، تاسادىپىي ھالدا فىلىم سۈرەتكە ئېلىش ئۆيىدە بىراۋنىڭ ھەقىقىي قاتىللىق ۋە باسقۇنچىلىق فىلىمىنى سۈرەتكە ئېلۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن باشقىلار ئۇنى ئىز قوغلاپ قەستلىمەكچى بولىدۇ.


    «ئوت سىزىقىدىن ھالقىش» (穿越火线). بۇ فىلىم 2012-يىلى قويۇلغان بولۇپ، گۈزەل ئانىنىڭ ئوغلىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدىنقى سەپكە بارغانلىق ھېكايىسى سۆزلەنگەن. رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىدە ئاساسلىقى رومانتىكلىق ۋە جەڭگىۋارلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.


    «جانغا زامىن مېترو» (夺命地铁). بۇ فىلىم 2014-يىلى قويۇلغان. مېترو بېكىتى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەر ناھايتى كۆپ، ئەمما رۇسىيە نۇسخىسىدىكى بۇ فىلىم تېخىمۇ نادىر. فىلىمدىكى «ئاشىق دۈشمەنلىرى» بولغان ئىككى ياشنىڭ بۇ يەردىن قېچىش جەريانىدىكى زىدىيىتى بۇ فىلىمنى تېخىمۇ يوقىرى باسقۇچقا ئېلىپ كىرگەن.


    «بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت» (这里的黎明静悄悄). بۇ فىلىم 2015-يىلى قايتا قويۇلغان، ئۇنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بار بولۇپ، 1972-يىلدىكى نۇسخىسى سۆزسىز كىلاسسىك ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىمنىڭ يېڭى نۇسخىسىمۇ ناھايتى ياخشى ئىشلەنگەن بولۇپ، رەڭلىك ئېكراندىن سىرت،يەنە بىر نەچچە ئايال جەڭچىنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەسى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدۇ.


    «يالقۇنلىغان ئوت دېڭىزى» (火海凌云). بۇ فىلىم 2016-يىلى قويۇلغان بولۇپ، فىلىمدە ناھايتى قورقماس ئايروپىلان باشلىقىنىڭ يانار تاغ پارتلاپ قاپسىلىپ قالغان، كىچىك ئارالدىكى نەچچە يۈز يولۇچىنى قۇتقۇزغانلىق ھېكايسى سۆزلەنگەن. نەچچە مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە يولۇچىلارنى ئايروپىلاندىن يۆتكەش كۆرۈنىشى ناھايتى جىددىي ھەم تەسىرلىك.

    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    • رۇسىيەنىڭ ئەڭ نادىر بەش فىلىمى
    • رۇسىيەنىڭ ئەڭ نادىر بەش فىلىمى
    • «ئاۋازسىز گۇۋاھلىق سۆزى» (无声言证). بۇ فىلىم 1995-يىلى قويۇلغان بولۇپ، گەرچە بۇ 20 نەچچە يىل بۇرۇنقى كونا فىلىم بولسىمۇ، ئەمما ھېلىھەم ..
    بەخىت دوختۇر خانىسى