• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    2018-يىللىق iPhone يەنە بىر قېتىم USB-Cغا بۇرۇلۇش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 13:02 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    گەرچە ئالما MacBook مەھسۇلات لىنىيەسىدە USB-Cغا ئومۇميۈزۈك بۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ «ئالتۇن كانى» ھېسابلىنىدىغان 2019-يىللىق iPhoneغا يەنىلا 5Wلىق تۆۋەن قۇۋۋەتلىك توك قاچىلاش بېشى بىلەن USB Type-Aنى Lighitng ئۆزگەرتىش سىمى سەپلىدى. كەسىپ ئىچىدە ئاللىبۇرۇن تېز توك قاچىلاش بىلەن USB Type-C ئىشلىتىش ئومۇملاشقان ئەھۋالدا ئالمىنىڭ بۇنىڭغا بۇرۇلۇشى نېمە ئۈچۈن بۇنچە قىيىن بولىدۇ؟

    2012-يىلىدىن بۇيان ئالما كۆپلىگەن Lighting ئۇلىنىش لايىھەسىنى ئىشلەتتى. بەزىلەر iPhone ئەگەر USB-Cغا بۇرۇلسا قىسمەن كونا خېرىدارىدىن يىراقلاپ كېتىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

    ئەمما 2018-يىللىق iPhoneنىڭ باھا بېكىتىش تاكتىكىسى يەنە بىر قېتىم رېكوت ياراتتى، ئالما نېمە ئۈچۈن تېز توك قاچىلاش ۋە USB-Cنى ئىشلەتمەيدۇ؟

    2015-يىلى ئالما 12 ديۇملۇق MacBookنى چىقارغان بولۇپ بۇ ئارقىلىق كەسىپ ئىچىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان. 2016-يىلىدىكى MacBook Pro بۇ خىل قاراشنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن.

    ئەپسۇس كۆپ يىللاردىن كېيىن پۈتكۈل كەسىپتىكى USB-Cنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاستا بولدى، كۆپلىگەن كونىلىقنى ياقلايدىغان زاۋۇتلار بۇ چېتىلغۇ ئېغىزىنى ئۈسكۈنىلىرىگە ئىشلىتىشنى رەت قىلدى. بۇ خىل زىددىيەت ئاستىدا ئالمىنىڭ پوزىتسىيەسىدە تەۋرىنىش بولدى.

    ئىقتىدارىدىن قارىغاندا USB-C سىمى ئەنئەنىۋى سىمدىن قولاي بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۈچلۈك. USB-Cنى Type-Aغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ چوڭ توك قاچىلاش قۇۋۋىتىنى قوللايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2017 ۋە 2018-يىللىق نۇسخىدىكى iPhoneدا ھەقىقىي تېز توك قاچىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ.

    ئەمما ئالما iPhoneغا يەنىلا «5V/1A»لىق توك قاچىلىغۇچ سەپلەپ ئابۇنتلارنىڭ ئىشلىتىش ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويدى، بۇنىڭ بىلەن ئېھتىياجى بار كىشىلەر 20~30 دوللار خەجلەپ «ماسلىشىشچان» تېز توك قاچىلاش بېشى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.

    ئەمەلىيەتتە «سىم ئالماشتۇرسا كونا خېرىدارلار قېچىپ كېتىدۇ» دېگەن ئەندىشىمۇ ئارتۇقچە. بۇ شىركەت يېڭى iPhoneنىڭ 3.5mmلىق تىڭشىغۇچ ئېغىزىنى ئېلىۋېتىپ بولدى ھەمدە ئورالما قاپقا بىر ئالماشتۇرۇش سىمى قوشۇپ قويدى.

    ئەڭ تۈپتىكى سەۋەب قايسى دېيىلسا بەلكىم MFi دەلىللىشىدىن ئۆتۈشتىكى غايەت زور پايدا بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر Lighting كەسىپ ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنغان ئۆلچەملدىكى USB-Cغا ئايلانسا، ئالمىنىڭ MFi دېتاللىرىنىڭ يەنە قانچىلىك چاقىرىق كۈچى قالار؟


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى