• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    گېرمانىيە بىرلەشمىسى 3-ئايلانما: بايرېن مىيۇنخېن 1:3 لېۋېركۇسېن

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:58 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى 21:30دا گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى 3-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئاللىيانىز مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن ساھىبخان مەيداندا لېۋېركۇسېن بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا لېۋېركۇسېندىن ۋېندېل بىر توپ، بايرېن مىيۇنخېندىن روببېن بىلەن تولىسسو بىردىن توپ كىرگۈزدى، تولىسسو يارلىنىپ مەيداندىن ئايرىلدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا بايرېن مىيۇنخېندىن خامېس رودرىگۇز بىر توپ كىرگۈزۈپ، بايرېن مىيۇنخېن 3-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.

    مۇسابىقىنىڭ 2-مىنۇتىدا تىياگو چەكلەنگەن رايوندا قارشى تەرەپ توپچىسىنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، نويېر فېرلاندنىڭ نۇقتا توپىنى توسىۋالدى، بىراق باش رېپىر بايرېن مىيۇنخېن توپچىلىرىنى بالدۇرلا مەيدانغا كىرىۋالدى دەپ قايتا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى، ۋېندېل نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 10-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى، مۇللېر توپنى لېۋاندوۋىسكىغا بەردى، لېۋاندوۋىسكى پاس چىقىرىپ، تولىسسو بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا كىممىچ پاس چىقىرىپ روببېن بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 30-مىنۇتىدا تولىسسو پاس چىقاردى، بىراق لېۋېركۇسېن قاپقىچىسى مۇللېرنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 38-مىنۇتىدا تولىسسو يارلىنىپ خامېس رودرىگۇز بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

    مۇسابىقىنىڭ 59-مىنۇتىدا خاۋى مارتىنېز گنابرىي بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا روببېن پاس چىقاردى، بىراق لېۋاندوۋىسكىنىڭ توپىنى لېۋېركۇسېن قاپقىچىسى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 66-مىنۇتىدا لېۋاندوۋىسكى تەپكەن توپ قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 72-مىنۇتىدا روببېن تەپكەن توپنى لېۋېركۇسېن قاپقىچىسى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 80-مىنۇتىدا بېلالابى رافىينانى قەستەن يارىلاندۇرغاچقا قىزىل كارتا جازاسى بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، رافىينا ئالبا بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا تىياگو پاس چىقىرىپ خامېس رودرىگۇز بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن 3-1 نەتىجىدە غەلبە قىلدى.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى