• مۇراجەتنامە
  • زاۋۇت
  • مۇراجەت
  • ئېچىملىك سۇ
  • پۇتۇن

    ئاياللار 40 ياشتىن كېيىن نېمە ئۈچۈن ئەرلەردىنمۇ قېرى كۆرۈنىدۇ؟

    مەنبە :
    يوللانغان ۋاقىت : 12:56 16-09-2018
    تەھرىر : ئادىل
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى سىزگە 60 ياشتىمۇ يەنىلا قىزىل گۈلدەك تۇرۇشنىڭ تاكتىكىسىنى ئۆگىتىدۇ.

    يىللار رەھىمسىزلىك بىلەن ئادەمنى قېرىتىۋېتىدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن قېرىلىقنىڭ يېتىپ كېلىشنى رەت قىلالمايدۇ. ئەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا قېرىشنىڭ ئاياللارغا بولغان سەلبىى تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. ئوخشاشلا 40 ياش بولسىمۇ، ئەمما ئاياللار ئەرلەردىن تېخىمۇ قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ. كونىلار مۇنداق دەيدۇ: «ئەرلەر 40 يېشىدا بىر تال گۈلگە ئوخشايدۇ، ئاياللار 40 يېشىدا پۇرچاق ئۇيۇتمىسىغا ئوخشايدۇ». كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە 40 ياشلىق ئاياللارنىڭ ئاساسەن گۈزەللىك بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھەتتا تېخى باشقىلار تەرىپىدىن يۈزلىرى قورۇق، بەللىرى تۇڭدەك دەپ ماركا چاپلىنىپ قالىدۇ. 40 ياشلىق ئاياللارنىڭ كۆڭۈلدىكى ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولىدۇ: ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ، يولدىشىنىڭ سىرتلاردا دانلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، بالىلارنى تەربىيىلەشكە باش قاتۇرىدۇ، ئاتا-ئانىسى ۋە قېينانا-قېيناتىسىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەنسىرەيدۇ...

    40 ياش راستىنلا ئايرىلىش باسقۇچى.

    ئامېرىكا ئالدىنى ئېلىش ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشچە، ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندىن كېيىن بەدىنىنىڭ ھاياتىي كۈچ تۆۋەنلەيدىكەن. كۆپىيىش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تالاش-تارتىش كەتمەيدىغان ئەمەلىيەت. تەكشۈرۈشلەر ئىسپاتلايدۇكى، «40 ياشلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ ئىشەنمەيدىغىنى چىرايى، تېرىسى بارغانسېرى يىرىكلىشىپ، قورۇقلار بارغانسېرى كۆپىيىدىكەن. بەدەن شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ، چاچلىرى چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھەتتا بەزىلەرگە نىسبەتەن بەدىنىدىمۇ بىر قىسىم بىئارامسىزلىقلار پەيدا بولىدۇ. ھەر خىل ئۇششاق كېسەللەر بوسۇغىنى ئايلىنىپ نېرى كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككى چوڭ مەسىلە ئاياللارنىڭ ئەڭ بېشىنى قاتۇرىدۇ.

    1. تېرىسى تېز سۈرەتتە قېرىپ داغ-سەپكۈنلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. 40 ياشتىن كېيىن ئاياللارنىڭ تېرە ئاستى توقۇلمىلىرىدىكى سۇ تەركىبى ئازلاپ، تېرىسى نېپىز ۋە قۇرغاق بولۇپ كېتىپ، نۇرسىز كۆرۈنىدۇ. داغ-سەپكۈنلەرمۇ ئاستا-ئاستا پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. ئەسلىدىكى يېلىمسىمان ئاقسىلنىڭ ئېقىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، يۈزدىكى قورۇقلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ھەتتا دائىم تېرىگە چوقۇر چىقىپ قىچىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. مېتابولىزمى ئاستىلاپ، ئادەم ناھايىتى ئاسانلا سەمرىپ كېتىدۇ.

    2. كەيپىياتى تۇراقسىزلىشىپ، ئادەت قالايمىقانلىشىدۇ. ئاياللارنىڭ بەدىنىنىڭ قېرىشىنىڭ تېزلىشىگە ئەگىشىپ، مۇددەتتىن بۇرۇن كلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئاسانلا ئاچچىقلايدىغان، بىردەمدىلا قىزىپ، بىردەم سوۋۇپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ. بەزى ئاياللاردا ئادەت قالايمىقانلىشش، كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ ئىقتىدارى چېكىنىش، ئەر ئاياللىق تۇرمۇشقا قىزىقماسلىق كۆرۈلگەنلىكتىن، ئاياللار تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلىنىدۇ.

    ئاياللار 40 ياشتىمۇ گۈلدەك بولالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان 50 ياشلىق ئاياللارنىڭ ئىچىدە يەنىلا قارىماققا 20~30 ياشلىقتەك كۆرۈنىدىغانلارمۇ كۆپ. ھەتتا بەزىلىرى ياش قىزلاردىن تېخىمۇ جەلپكار كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ زادى قانداق مەخپىيەتلىكى بار؟

    دۆلەت سىرتىدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورگانلىرى ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقتى. تۆۋەندىكىلەرنى قىلالىسا، 40 ياشلىق ئاياللارمۇ گۈلگە ئايلىنىدۇ. فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكا جەھەتتىن ئەڭ ئىلغار ھالەتكە يېتىدۇ. سىزنى ئىچى ۋە سىرتىدىن خۇددى 20 ياشلىق قىزلاردەك گۈزەللىككە ۋە ھاياتىي كۈچكە تولدۇرىدۇ.

    كەچلىك تاماقتىن كېيىن بىر نەرسە يېمەسلىك.

    ھەر ۋاقىت تاماقنى %80 تويۇنۇپ يېيىش. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاخ تاماقنىڭ يېيىش نىسبىتىنى چۇقۇم كونترول قىلىش، كەچلىك تاماقتىن كېيىن قەتىئىي بىر نەرسە يېمەسلىك، سەي كۆكتاتلار، بېلىق تۈرىدىكىلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىش. يېمەكلىكنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش بىلەن بىرگە سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئوزۇقلۇقلار تولۇق بولۇشى كېرەك. بولمىسا چىرايى ساغىرىپ ئورۇقلاپ، ئاياللىق لاتاپىتىنى نامايەن قىلالمايدۇ. ھەر كۈنى تۇخۇم، كالا سۈتى، مېۋە-چېۋە ئۆي ئىچىدە ئاز بولماسلىقى كېرەك. يىرىك ئاشلىق ئاساسى ئاشلىقنىڭ ئورنىنى ئالغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    ھەر كۈنى سائەت 10:00 دا يېتىپ بولۇش، 11:00 دىن بۇرۇن چۇقۇم ئۇخلاش كېرەك.

    ئۇيقۇ ئەڭ ياخشى ھۆسن تۈزەش ھېسابلىنىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ناچار بولسا ھەر قانچە كۆپ تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۈنۈمى بولمايدۇ.

    نېمە ئۈچۈن «گۈزەل ئاياللار ئۇخلاپ يېتىلىدۇ» تەتقىقات نەتىجىلىرى مۇنداق كۆرسەتكەن: 1.ئۇخلىغان ۋاقىتتا تېرىنىڭ قان تومۇرلىرى تېخىمۇ ئېچىلىدۇ، بۇ تېرىگە ئوزۇقلۇق ۋە ئوكسىگېن تولۇقلاپ، ھەر خىل چىقىرىندى ماددىلارنى تازىلايدۇ. 2.ئۇيقۇ ئۆسۈش ھورمۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، تېرىنىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ئەسلىگە كېلىشنى كۈچەيتىدۇ. تېرىنىڭ يۇمران ۋە ئېلاستىكىلىقىنى ساقلايدۇ. 3.ئۇخلىغان ۋاقىتتا تېرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئېنزىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، بەدەن ئىچىدىكى ئاساسىي ماددىلارنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تازىلاپ، تېرىنىڭ ياشلىق ھالىتىنى ساقلايدۇ. شۇڭا گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم قىزلار ھەر كۈنى سائەت 10:00 دا يېتىپ 11:00 دىن بۇرۇن چوقۇم ئۇخلاپ بولۇشى كېرەكلىكىنى مەھكەم ئەستە ساقلىشى كېرەك.

    ئۈچەي يوللىرىنىڭ راۋان ۋە جانلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئاشقازان ئۈچەي مەسىلىلىرى، مەسىلەن: قەۋزىيەت قاتارلىقلار، بەدەن ئىچىدىكى زەھەرلىك ماددىلارنىڭ توپلىنىپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خانىم قىزلارنىڭ تېرىسىنىڭ خۈنۈك بولۇشىنى، ئاسانلا چېچى چۈشىدىغان بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك بىلىملەر ئېلان قىلىدىغان «Nature» دىكى تەتقىقاتلارنىڭ كۆرسىتىشچە، ئۈچەينىڭ PH قىممىتىنى تەڭشەش، ئۈچەي يوللىرىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ سانى ئاشۇرۇش، ئۈچەيدىكى 5- ھىدروكسى ترىپتامىن (يەنە بىر ئاتىلىشى: سېروتونىن) نىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ كەيپىياتنى خۇشال ساقلاپ، ئۈچەي يوللىرىنى تەڭشەشكە ناھايىتى پايدىلىق. پەقەت پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى تولۇقلىسا يېتەرلىك بولمايدۇ. بەلكى ئۈچەي يوللىرىدىكى پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قەرەللىك كۆپىيىشىنى تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ راۋان بولىدۇ. شۇنىڭدىلا ئۈچەينىڭ ياش ۋە ساغلام تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

    • تەرتىپلىك چېنىقىش، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش.

    يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى تەتقىقاتلاردا %54 ئاياللارنىڭ قارشىچە ئۆزۈمنىڭ 40 ياشتىن كېيىنكى بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاكتىپلىقىنىڭ 35 ياشتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا ئۇلار سالامەتلىك ئەھۋالىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ تېخىمۇ ۋاقىت ئاجراتقان. مۇتەخەسسىسلەر ئاياللارنىڭ چۇقۇم بىر قىسىم مەشىقلەرنى ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئاساسىي مېتابولىزىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن بەدەن قىياپىتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، يەنە تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ،قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.


    مەزمۇن ئاستى 660-50
    كۈرۈش4
    كۈرۈش بەت3
    توك پار
    مۇشۇ تۈردىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر
    بەخىت دوختۇر خانىسى